Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئونىن توپىلىڭى
دۇنيا تارىخى
应仁之乱
yìng rén zhī luàn
ئونىن فۇمياكى مالىمانچىلىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ياپونىيە باكو شوگونلۇقى - موروماچىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى فېئوداللار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توپىلاڭ بولۇپ، 1467 - يىلى (ئونىننىڭ 1 - يىلى) دىن 1477 - يىلى (فۇمىياكنىڭ 9 - يىلى) غىچە داۋام قىلغان، 6 - ئەۋلاد سىياگۇن ئاشكاكا يوشىنورى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، باكو شوگونلۇقىنىڭ ئەمەلىي ھوقۇقى فېئودال خوجىدار سودىكاۋا خوسوكا بىلەن ئەمرى مەھكىمىنىڭ ئەمرى يامانا موچىتونولارنىڭ قولىغا ئۆتكەن. 8 - ئەۋلاد سىياگۇن يوشماسانىڭ دەسلەپ پەرزەنتى بولمىغانلىقتىن، ئۆزىنىڭ ئىنىسى يوشىمېنى سىياگۇن ۋارىسلىقىغا بەلگىلىگەن، كېيىن، يوشىتاكا تۇغۇلۇپ، سىياگۇن ۋارىسلىقى مەسىلىسىدە جېدەل چىققان. يوشىمى سودىكاۋاغا، يوشىتاكا ياماناغا تايانغان. 1467 - يىلى ئۇرۇش باشلىنىپ، مەملىكەت بويىچە