UyghurMain Dictionary
ئون گۈلىنىڭ بىرى ئېچىلمىغان
Domain: ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەربېشىدىن ھېچقانداق ئىش ئۆتمىگەن، تۇرمۇشنىڭ لەززىتىنى تېتىمغان، ھاياتقا ئەمدىلا كۆز ئاچقان؛ ياپياش: ھاجىم ئۇلاردىن تۇرسۇن دولان بىلەن ئارمانبەگنىڭمۇ مۇشۇ تۈرمىدە ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، «ھەي گوۋاللار، ئون گۈلىنىڭ بىرىمۇ ئېچىلمىغان ياش بالىلار ئىدى» دەپ ئۇلۇغ - كىچىك تىنىپ قويدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ياپياش؛ بېشىدىن ھېچقانداق ئىش ئۆتمىگەن، ھاياتقا ئەمدىلا كۆز ئاچقان.
- ئادەم دېگەندە ئارزۇ - ھەۋەس بولىدۇ ئەمەسمۇ، مەن تېخى ياش، ئون گۈلۈمنىڭ بىرى ئېچىلمىدى، - دېدى ئۇ نارازىلىق بىلدۈرۈپ.
About this entry
This is a Uyghur–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.