Chinese→UyghurMain Dictionary
永久议会
دۇنيا تارىخى
مەڭگۈلۈك پارلامېنت
گېرمانىيە دېھقانلار ئۇرۇشى مەزگىلىدە مۈلھاۋزېن شەھىرىدە قۇرۇلغان ئىنقىلابىي ھاكىمىيەت (1525-يىلى 3-ئايدا). مۇنزېر رەھبەرلىك قىلغان. چېركاۋنىڭ مال - مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىشنى، فېئوداللىق ئىمتىيازنى بىكار قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان ھەمدە ئىنقىلابىي قوراللىق قوشۇن ئۇيۇشتۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە چاقىرغان. لېكىن قوراللىق قىسىملار ئالدىراشلىق ئىچىدە تەشكىللەنگەنلىكى، جايلاردىكى ئىنقىلابىي كۈچلەرنىڭ تارقاقلىقى سەۋەبىدىن 5-ئايدا بەگلىكلەر تەرىپىدىن ئۇجۇقتۇرۇلغان.