UyghurMain Dictionary
ئولىۋېيرا مارتىنس
دۇنيا تارىخى
(1845 - 1894)، پورتۇگالىيىلىك تارىخشۇناس، سىياسىي ئەرباب. ئائىلسى نامرات بولغانلىقتىن، ئوقۇشنى ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرالماي، سودا شىركىتىدە دۇكان خىزمەتچىسى بولغان. 1870 - يىلى ئىسپانىيىگە بېرىپ كانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. 1874 - يىلى مەملىكىتىگە قايتىپ كېلىپ تۆمۈر يول نازارەتچىسى بولغان. 1884 - يىلى پورتو سانائەت مۇزېيىنىڭ باشلىقى بولغان. ئىككى يىلدىن كېيىن پارلامېنتقا كىرگەن. 1892 - يىلى مالىيە ۋەزىرى بولغان. ئىسپانىيىدە تۇرغان چاغدا بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ ئىسپانىيە ياچېيكىسىغا كىرىپ، <سوتسىيالىزم نەزەرىيىسى> ۋە <پورتۇگالىيە ۋە سوتسىيالىزم> دېگەن ئىككى كىتابنى يېزىپ، پرودونچىلىقنى تەشۋىق قىلغان. مەملىكىتىگە قايتقاندىن كېيىن پرودوننىڭ تارىخىي كۆز قارىشى ئارقىلىق تارىخ تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. كېيىن گېگېل پەلسەپىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. <پورتۇگالىيە تارىخى>، <ئىبىلىيە مەدەنىيەت تارىخى>، <ئىرق ۋە ئىپتىدائىي مەدەنىيەت>، <رىم جۇمھۇرىيىتىنىڭ تارىخى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.