UyghurMain Dictionary
ئولمېدو
دۇنيا تارىخى
(1780 - 1847). ئېكۋادورنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى (1830)، شائىر. گۇايا كۇيلى، كۇيتو ۋە لىمادا ئۇقۇغان. 1803 - يىلى چەكلەنگەن كىتابلارنى ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن، لىما دىنىي سوت تەرىپىدىن سوراق قىلغان. كۇيتو ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىگە كىرگەن. 1810 - يىلى كادىز پارلامېنتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلىنىپ، ئىسپانىيىگە بارغان. 1816 - يىلى دۆلىتىگە قايتىپ كېلىپ، بولىۋار بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئىسپانىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرغان. 1820 - يىلى گۇاياكۇيلى ھۆكۈمەت كومىتېتىغا رەئىس بولغان. 1830 - يىلى ئېكۋادورنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغان. 1845 - يىلى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئەزاسى بولغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرى داستان <خوننىڭ غەلىبىسى: بولىۋارغا مەدھىيە>، <ئون تۆت مىسرالىق شېئىر>، <سىڭلىمنىڭ ئۆلۈمى> قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.