Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئولىگارخىيە
Domain: ئۇنىۋېرسال寡头政治
guǎ tóu zhèng zhì
Domain: دۇنيا تارىخى寡头政治
guǎ tóu zhèng zhì
<ئولىگارخ ھاكىمىيىتى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھاكىمىيەتنى ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ ئىگىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: ئافىنادا، مىلادىدىن 411 يىل ئىلگىرى كرىتىئاس باشچىلىقىدىكى <30 زالىم پادىشاھ> نىڭ ھۆكۈمرانلىقى شۇنىڭغا كىرىدۇ. ئارستوتىل مۇنداق ھاكىمىيەت ئاز سانلىق بايلارنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ (<سىياسىيشۇناسلىق>) دەپ قارىغان. بەزىلەر سپارتادىكى ئىككى پادىشاھ، 28 ئاقساقال ۋە بەش تەپتىش ئەمەلىي ھوقۇق تۇتقان ئاقسۆڭەكلەر ھۆكۈمرانلىقىنى ھەمدە رىم جۇمھۇرىيىتىدىكى سېنات، كونسۇل قاتارلىق ئاز ساندىكى چوڭ ئەمەلدارلار ئۆز چاڭگىلىغا ئېلىۋالغان ھاكىمىيەتنى ئاقسۆڭەك ئولىگارخىيىسى دەپ ئاتىغان. كېيىن ئومۇمەن ئېكسپىلاتاتسىيە قىلغۇچى سىنىپلار دۆلىتىدىكى ھۆكۈمران سىنىپنىڭ ئىنتايىن ئاز سانلىق كىشىلەر ئۆز ئالدىغا ئىگىلىۋالغان ھاكىمىيەتنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋردە ئىتالىيىنىڭ ۋېنېتسىيە، فلورېنسىيە قاتارلىق شەھەرلەردىكى چوڭ ئەمەلدارلارنىڭ جەمەتلىرى تۇتقان ھاكىمىيەت مۇشۇنىڭغا كىرىدۇ.
GetWord Corpus
9寡头政治
guǎ tóu zhèng zhì
垄断集团
lǒng duàn jí tuán
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.