UyghurMain Dictionary
ئوكۇبو توشمىچى
دۇنيا تارىخى
(1830 - 1878) ياپونىيىنىڭ مېيجى يىللىرىدىكى يېڭىلىققا كۆچۈش مەزگىلىدىكى مۇھىم ۋەزىر. ئادەتتە شوسۇكى دەپ ئاتىلىدۇ. كېيىن ئىچىزۇ دەپ ئاتالغان. تەخەللۇسى جادۇڭ. سامۇ ۋاسساللىقىدىكى تۆۋەن دەرىجىلىك سامۇرايلىقتىن كېلىپ چىققان، ياش ۋاقتىدا ۋاسساللىق ھاكىمىيىتىنى ئىسلاھ قىلىش تەرەپدارى ئىدى. چىڭيىڭ يىلى مەھكىمىنى ئاغدۇرۇش ھەرىكىتىگە قاتناشقان بولۇپ، ئۇنىڭ مۇھىم بىر ئەزاسى بولۇپ قالغانىدى. سائىگو تاكامورى، كىدوتاكايوشى قاتارلىق رەھبەرلەر بىلەن مەھكىمىگە قارشى ئىتتىپاق (1866 ) قۇرغان. ئەسكەر چىقىرىپ مەھكىمىگە قارشى جازا يۈرۈشى قىلىش پىلانى (1867) نى تۈزۈگەن، پادىشاھلىق ھاكىمىيەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بويىچە سىياسىي ئۆزگىرىشنى (1868) پىلانلىغان، مېيجى يىللىرىدايېڭىلىققا كۆچۈش ئىشى بىلەن شۇغۇللانغان <ئۈچ ئەزىمەت> نىڭ بىرى. يېڭىلىققا كۆچۈش ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، 1868 - يىلى مەسلىھەتچى، ئىككىنچى يىلى كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1871 - يىلى خەزىنە ۋەزىرى بولغان، شۇ يىلى ئىۋاكۇرا، تومومى قاتارلىق كىشىلەر بىلەن بىللە ياۋروپا - ئامېرىكا ئەللىرىنى زىيارەت قىلغان، ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن سائىگو تاكامورى قاتارلىق كىشىلەرنىڭ <كورىيىگە قارشى يۈرۈش قىلىش نەزەرىيىسى> گە قارشى تۇرغان. 1874 - يىلى ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى بولغان. ئىچكى جەھەتتە يەر بېجىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە يېزا ئىگىلىك، سانائەتنى گۈللەندۈرۈش سىياسىتىنى يولغا قويغان. تاشقى جەھەتتە 1874 - يىلى جۇڭگونىڭ تەيۋەن ئۆلكىسىگە تاجاۋۇز قىلىشنى پىلانلاپ، چىڭ خاندانلىقى ھۆكۈمىتىنى 500 مىڭ سەر كۈمۈش تۆلەپ بېرىشكە مەجبور قىلغان؛ 1875 - يىلى ھەربىي پاراخوت چىقىرىپ، چاۋشيەننىڭ كاڭخا ئارىلىنى توپقا تۇتقان، 1878 - يىلى 5 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، توكيودىكى جىۋىجىڭنەن دېگەن يەردە تۆرە شىمادا ئىچىرو تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. كېيىن <ئوكۇبو توشىمىچى خاتىرىسى> دىن ئىككى توم، <ئوكۇبو توشىمىچى ماقالىلىرى> دىن ئون توم نەشر قىلىنغان.