UyghurMain Dictionary
ئوكتاۋىيە
دۇنيا تارىخى
(تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 70 - 11) قەدىمكى رىملىق ئاۋگوستوس (ئوكياۋىئۇس) نىڭ ھەدىسى. دەسلەپ مارسېللۇسقا تەگكەن، ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن ئانتونىئۇس (مىلادىدىن 40 يىل ئىلگىرى) قا تەگكەن. ئېرى (ئانتونىئۇس) بىلەن ئىنىسى (ئوكتاۋىئۇس) بىر - بىرى بىلەن ئۈستۈنلۈك تالىشىۋاتقاندا، ئۇلارنى كېلىشتۈرۈپ قويۇشقا تىرىشقان بولسىمۇ، ئاخىر ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان. ئانتونىئۇس شەرقتىكى كېلىئوپاترا Ⅶ (مىسىرنىڭ ئايال پادىشاھى) گە ئاشىق بولۇپ قالغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەن (مىلادىدىن 32 يىل ئىلگىرى)؛ ياندۇرقى يىلى ئانتونىئۇس ئوكتاۋىئۇستىن يېڭىلىپ قالغان. ئوكتاۋىيىنىڭ مارسىللۇستىن تاپقان ئوغلى (ئۇنىڭ ئىسمىمۇ مارسېللۇس) نى ئاۋگۇستۇس بېقىۋالغان ھەمدە ئۇنى ئۆزىنىڭ ۋارىسى قىلماقچى بولغان، بىراق ئۇ بالدۇرلا ئۆلۈپ كەتكەن.