Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئوكىسفورد نىزامى
دۇنيا تارىخى
牛津条例
niú jīn tiáo lì
1258 - يىلى 6 - ئايدا ئەنگلىيىدىكى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئوكىسفورد كېڭىشىدە تۈزگەن پادىشاھلىق ھوقۇقنى چەكلەش نىزامى بولۇپ، ئەنگلىيە كورۇلى ھېنرى Ⅲ قوبۇل قىلىشقا مەجبور بولغان. بۇنىڭدا: 15 نەپەر ئاقسۆڭەكتىن تەركىب تاپقان كېڭەشنىڭ (15 كىشىلىك كېڭەش دەپ ئاتالغان) كورۇلنى نازارەت قىلىش، يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە قالدۇرۇش ھوقۇقى بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. ئەمەلىيەتتە دۆلەتنىڭ ھوقۇقىنى قولغا كىرگۈزۈۋالغان. ئۇنىڭدىن باشقا يۇقىرىقى 15 نەپەر ئاقسۆڭەك ۋە قايتىدىن سايلانغان 12 نەپەر ئاقسۆڭەكتىن <پارلامېنت> تەشكىللىنىپ، ئۇلار ھەر يىلى ئۈچ قېتىم يىغىن ئېچىپ، دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىنى مۇزاكىرىلەشكەن. ئاقسۆڭەك ئولىگارخلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى رىتسارلار ۋە شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئىچكى قىسمىدىمۇ بۆلۈنۈش پەيدا بولغان. 1261 - يىلى كورۇل ھېنرى Ⅲ بۇ كېلىشىمنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقتىن، ئىچكى ئۇرۇشنىڭ پارتلىشىغا سەۋەبچى بولغان (1263 - 1267).