Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئوكسىدازىلار
Domain: بىئولوگىيە氧化酶
yǎnghuàméi
بۇ تۈردىكى ئېنزىملار ھاسىلاتلىرىغا ئاساسەن ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ: (1) ئاساسىي ماددىنىڭ ھىدروگېنسىزلىنىشى ھەمدە H 2 O 2 نىڭ ھاسىل بولۇشىغا كاتالىزاتورلۇق قىلىدىغان بۇ ئېنزىم ئوكسىگېنغا ئېھتىياجلىق دېگىدروگېنازا دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ تۈردىكى ئېنزىملار ياردەمچى رادىكالى FAD (ياكى FMN) گە ئېھتىياجلىق بولىدۇ، گلۇكوزا ئوكسىدازىسى مۇشۇ تۈردىكىلەرگە كىرىدۇ. (2) ئاساسىي ماددىنىڭ ھىدروگېنسىزلىنىشى ھەمدە شۇنىڭ ھاسىل بولۇشىغا كاتالىزاتورلۇق قىلىدىغان ئېنزىملار، يەنى ئوكسىدازىلار بىلەن رېئاكسىيىلىشىدۇ. ياردەمچى رادىكالى Cu بولغان پولى فېنوللۇق ئوكسىدازىلار ۋە ياردەمچى رادىكالى تۆمۈر پورفىرىن بولغان ستوخروم ئوكسىدازىلار بىردەك مۇشۇ خىلدىكىلەرگە كىرىدۇ.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.