Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئوكاداتا كېماتۇ
Domain: دۇنيا تارىخى冈田武松
gāng tián wǔ sōng
(1874 - 1956) ياپونىيىىك مېتېئورولوگىيە ئالىمى. تەبىئىي پەن دوكتورى. توكيو ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىكا فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1923 - يىلى مەركىزىي ھاۋا رايى ئىستانسىسىنىڭ باشلىقى ۋە قوشۇمچە دېڭىز - ئوكيان ھاۋا رايى ئىستانسىسىنىڭ باشلىقى، توكيو ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى بولغان. 1930 - يىلى ھاۋا رايى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى بولغان. 1931 - يىلى ئىمپېرىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. 1949 - يىلى مەدەنىيەت ئوردېنىغا ئېرىشكەن. بوراندىن سىگنال بېرىش ۋە دېڭىز - ئوكياننى كۆزىتىش ئۇسۇلىنى ئىشلەپ چىققان ھەمدە مەركىزىي ھاۋا رايى ئىستانسىسىنىڭ قارىمىقىدىكى ھاۋا رايى تېخنىكىسى بويىچە تەربىيىلەش ئورنى (ھاۋا رايى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكتى) نى قۇرۇپ، ياپونىيە مېتېئورولوگىيىسى ۋە ھاۋا رايى ئىشلىرى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقان. <مېتېئورولوگىيىدىن نۇتۇق، مېتېئورولوگىيە>، <ھاۋا رايى ماشىنىلىرى ئىلمى>، <نەزەرىيىۋى مېتېئورولوگىيە> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.