Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئوججايىنى
Domain: دۇنيا تارىخى乌贾伊尼
wū jiǎ yī ní
مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىردىن Ⅴ ئەسىرگىچە قەدىمكى ھىندىستاندىكى 16 بەگلىكنىڭ بىرى بولغان ئاۋانتى بەگلىكى پايتەختنىڭ خارابىسى. بۈگۈنكى مەركىزىي شتات ئوجايىن شەھىرىنىڭ ئەتراپىدا. 1955 - 1959 - يىللىرى قېزىلغان. مىلادىدىن ئىلگىرى 750 - 500 - يىللىرىغا ئائىت مەدەنىيەت قاتلىمىدىن قىزىل رەڭلىك قارا گىرۋەكلىك ساپال قاچا، قىزىل ساپال يالىتىلغان نەپىس ساپال ئەسۋابلار، يىرىك ساپالدىن ئىشلەنگەن ئەسۋابلار قېزىۋېلىنغان. دەسلەپكى دەۋرلەردە تۆمۈر قوراللارنى ئىشلەتكەن. كېيىنكى دەۋرلەردىكى ئاھالىلەر رايونىدا جەنۇبتىن شىمالغا تەخمىنەن ئۇزۇنلۇقى بىر يېرىم كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكە بىر كىلومېتىر، ئېگىزلىكى 13 مېتىر كېلىدىغان شەھەر سېپىلى بولۇپ، سېپىلنىڭ سىرتىغا خەندەك كولانغان. سېپىلنىڭ ئاستىدىن رەڭدار كۈل رەڭ ساپال قاچىلار قېزىۋېلىنغان. مىلادىدىن ئىلگىرى 500 - 200 - يىللارىكى مەدەنىيەت قاتلىمىدىن، شىمالنىڭ قارا رەڭلىك سىپتا ساپال قاچىلىرى، سۆڭەك باشلىق ئوقيا، تامغا، تۆمۈر قوراللار، ساپالدىن ياسالغان ھەيكەل قاتارلىق نەرسىلەر تېپىلغان. قۇرۇلۇشلار خام كېسەك ۋە پىششىق خىشتىن سېلىنغان. يەنە زور ھەجىملىك سۇ ساقلاش كۆلچىكى ۋە قاناللار قېزىلغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.