UyghurMain Dictionary
ئوينىغۇچ
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قوغۇننىڭ بالدۇر پشىدىغان تۈرى.
چىلگە تەرسەڭ، چېنەپ تەر. سويماڭ نەچچە پۇل، ئۆزەمغۇ يېمەيمەن، نەۋرەمگە ئالغاچ كېتەي دېۋىدىم. ئوينىغۇچ ئوبدان نېمە يازلىقى بار، كۈزلۈكى يوق، يېڭى يار ئوبدان نېمە ئاغزىدا بار، كۆڭلىدە يوق. بىر پەلەكتە مىڭ خەمەك.
شىۋىلەر
تۇرپان شىۋىسى
چىلگە. مەسىلەن؛
ئوينۇغۇچ ئوبدان نىمە،
يازلىغى بار كۈزلىكى يوق.
يېڭى يا ئوبدان نىمە،
ئاغزىدا بار كۆڭلىدە يوق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
قوغۇننىڭ بالدۇر پىشىدىغان بىر تۈرى. چوڭلۇقى مۇشتتەك بولۇپ، يوغىنىمايدۇ؛ چىلگە.
- دادا، ماڭا بىر ئوينغۇچ ئۈزۈپ بېرە، - دەپ غەلۋە قىلغىلى تۇردى ھېلىقى كىچىك بالا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەتلەس توقۇشتا گولا تاياقچىلىرىنى يۇقىرى - تۆۋەن ئالماشتۇرۇپ بېرىدىغان غالتەك؛ موللاقچى.