UyghurMain Dictionary
ئويمان
مەنىداش سۆزلۈكلەر
توپىسى ئويۇقلۇق ياكى قېزىۋېتىلگەن يەر.
<خەندەك> سېپىل سوققاندا توپا ئېلىشتىن ھاسىل بولغان چوڭقۇرلۇق.
<گوداڭ> قۇشخانىدا مالنىڭ ئىچ - قارنىنى تۆكۈشكە قېزىلغان يەر.
<ئويمان> ئويۇلۇپ كەتكەن چوڭقۇرلۇق.
ئورىغا ئورا كولىغان چۈشەر. يولۇڭدا ئازگالنى كۆرسەتكەن ئىنسان، نەزىمدە ھەقىقىي دوستۇڭ بىگۇمان. خەندەك قېزىپ، خەندەكتە قالغانلار بار. قارىغۇنىڭ كەينىگە كىرسەڭ، گوداڭغا يىقىلىسەن. ئۆرەككە يىقىلساڭ، پۇتۇڭغا قارا. توپ تۈزگە يىقىلار، يالغۇز ئويمانغا. بىلمىگەن يەرنىڭ ئوچ - چوڭقۇرى تولا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئەتراپتىكى تەكشىلىككە نىسبەتەن پەس، چوڭقۇر؛ <دۆڭ> نىڭ ئەكسى.
قاراقچىلار ئالدىغا سېلىپ كەتكەن ئادەملەرنى ئويمان يولغا ھەيدەپ چۈشتى.