Uyghur←EnglishMain Dictionary
ئوغۇزلار
Domain: دۇنيادىكى مىللەتلەرOghuz
ئوغۇزلار مىلادى Ⅶ - Ⅺ ئەسىرلەردە ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغان تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان قەبىلە - قوۋملارنىڭ نامى بولۇپ، بەزىدە <ئوغۇز تۈركلىرى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
ئۇلارنىڭ بىر قىسمى مىلادى Ⅺ ئەسىرلەردە ھازىرقى جەنۇبىي روسىيە ئوتلاقلىرىغا كىرىپ، كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈشكە باشلىغان. يەنە بىر قىسمى سەلجۇقنىڭ باشچىلىقىدىكى سەلجۇقىلارغا ئەگىشىپ مېڭىپ، غەربىي ئاسىيانى بويسۇندۇرۇپ، تارىختا سەلجۇق تۈركلىرىگە قوشۇلۇپ كەتكەن، كېيىن ئوسمان تۈركلىرىنى شەكىللەندۈرگەن.
ئوغۇزلار كېيىن بېرىپ ھازىرقى تۈركلەر، تۈركمەنلەر، ئەزەربەيجانلار، گاگاۋۇرلار، قارا قالپاقلارد قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ شەكىللىنىشىدىكى ئېتنىك تەركىبىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان.
مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد قەشقەرى تەرىپىدىن يېزىلغان <تۈركىي تىللار دىۋانى> دا تۇنجى قېتىم ئوغۇزلارنى بىر قەبىلە نامى سۈپىتىدە قەيت قىلغان.
ئوغۇزلارنىڭ ئىجتىمائىي ئىگىلىكى ۋە ئۆرپ - ئادەتلىرى، دىنىي ئېتىقادى ئەينى زاماندا تەڭرىتاغ ئەتراپىدا ياشىغۇچى تۈركىي قەبىلە - قوۋملار بىلەن ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ، ئۇلارمۇ كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىناتتى ۋە شامان دىنىغا ئېتىقاد قىلاتتى.
About this entry
This is a Uyghur–English dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.