UyghurMain Dictionary
ئوغۇل
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قاۋۇل ۋە قەيسەر ئەر كىشى.
«خوخەنزە» خەنزۇچە: 好汉子
ئەردىن ئەرگە نەپ. ئەرنىڭ ئىچىگە ئالەم پاتىدۇ. ئەل بار يەردە ئەر بار. ئەل ئۈمىدىنى ئەر ئاقلار، ئەر داڭقىنى ئەل ساقلار. ئەزىمەت ئەمگەك ئۈچۈن تۇغۇلىدۇ. ئەزىمەتنىڭ سۆزى _ پولاتنىڭ ئۆزى. ئوغۇل بالا ئوغا يەپ سىڭدۈرىدۇ. يىگىت سۆزىدىن قايتماس، يولۋاس ئىزىدىن. تۇتۇنسىز ئوت يوق، نۇقسانسىز يىگىت. يامۇلنىڭ ياغاچلىرى ئېگىز قارىغاي چەنزە، يامۇلدىن قېچىپ چىققان سادىر ئۆزى خوخەنزە.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئەر بالا، ئەركەك پەرزەنت.
<ئوغلان> كىتابىي سۆز.
ئوقۇغان ئوغۇل ئاتىسىدىن ئۇلۇغ. ئارسىلان ئوغلان، كەلدى ساڭا ئازاد زامان.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئوغۇل.
ئۆز ئوغلى بولمىغان ھەر قانداق ئەركەك بالىمۇ« ئوغۇل» دېيىلىدۇ. بۇ ئوغۇل نە تەر _ بۇ ئوغۇل نېمە دەيدۇ؟ قائىدىگە خىلاپ ھالدا، «ئەر» سۆزىنىڭ كۆپلۈكى « ئەرەن» شەكلىدە قوللىنىلىغىنىدەك، « ئوغۇل» سۆزىنىڭ كۆپلۈكىمۇ «ئوغلان» بولۇپ قالغان. ئەسلىدە « ئوغۇللار» بولۇشى كېرەك ئىدى. «ئوغلان» ۋە «ئەرەن» سۆزلىرى بىرلىك ئورنىدىمۇ قوللىنىلىدۇ.
1 - 101
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئوغۇل بالا
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
يىگىت، باتۇر؛ ئەركەك بالا.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ئوغۇل بالا
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
خاس ئىسىم