Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئوگداي خانلىقى
تارىخ
窝阔台汗国
wō kuò tái hàn guó
Domain: دۇنيا تارىخى窝阔台汗国
wō kuò tái hàn guó
تۆت چوڭ مۇڭغۇل خانلىقىنىڭ بىرى. چىڭگىزخاننىڭ ئۈچىنچى ئوغلى ئوگداينىڭ سۇيۇرغال يېرى بولۇپ، ئېرتىش دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمى ۋە بالقاش كۆلىنىڭ شەرقىدىكى جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. ئىمىل شەھىرى (ھازىرقى جۇڭگو شىنجاڭ رايونى دۆربىلجىن ناھىيىسىنىڭ شەرقىدە) نى پايتەخت قىلغان. ⅩⅢ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئوگداينىڭ نەۋرىسى قايدۇ ئەلى بۇقانىڭ قۇبلايغا قارشى تۇرۇشىغا ياردەم بەرگەن. كېيىن يەنە چاغاتاي خانلىقى بىلەن ئۇرۇشقان. 1275 - يىلى قايدۇ يۈەن سۇلالىسىنىڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتىگە ئاشكارا قارشى چىققان. 1289 - يىلى قوشۇن باشلاپ قاراقۇرۇمغا باستۇرۇپ بېرىپ، يۈەن سۇلالىسىنىڭ شىمالىي چېگرىسىغا تەھدىت سالغان. قۇبلاي قوشۇنغا ئۆزى قوماندانلىق قىلىپ جەڭگە ئاتلانغان بولسىمۇ، قايدۇ تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان. 1298 - يىلى قايدۇ يۈەن قوشۇنىنى قارا خىتايدا يەنە مەغلۇپ قىلغان. 1301 - يىلى قايدۇ ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوغلى چابار يۈەن سۇلالىسىگە ئىتائەت قىلغان. 1310 - يىلى ئوگداي خانلىقىنىڭ زېمىنى چاغاتاي خانلىقى تەرىپىدىن قوشۇۋېلىنغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.