UyghurMain Dictionary
ئۆز ئۆزىنى ئاڭقىرىش
پسىخولوگىيە
بۇ سۇبيېكتنىڭ ئۆز ئۆزىنى ئاڭقىرىشى بولۇپ، ئاڭنىڭ بىر مۇھىم تەرىپى. ئادەمنىڭ ئېڭىنى ھايۋان پسىخكىسىدىن پەرقلەندۈرىدىغان مۇھىم بەلگە. غەرب پسىخولوگلىرى ئاڭنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسىنى بىلىش، ھېسسىيات ۋە ئىرادىدىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمغا بۆلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۆز ئۆزىنى ئاڭقىرىشىنى مانا شۇ ئۈچ قىسىم ئاساسىدا تەھلىل قىلىدۇ. يەنى ئۆز ئۆزىنى بىلىش، ئۆز ئۆزىنىڭ پوزىتسىيە ۋە ھەرىكىتىنى تەڭشەش. بۇ ئۆز ئىچىگە مۇنۇلارنى ئالىدۇ: ئۆز ئۆزىنى سېزىش، ئۆز ئۆزىگە باھا بېرىش، ئۆز ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىنى ياخشى كۆرۈش، ئۆزىنى كەمسىتىش، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش قابىلىيىتى، مۇستەقىللىق قاتارلىقلار. ئۆز ئۆزىنى ئاڭقىرىش ئاساسەن ئۆز ئۆزىنى بىلىش، شۇڭلاشقا، پەقەت ئۆز ئۆزىنى ئوبيېكتتىن پەرلەندۈرەلىگەن، مەن بىلەن نەرسىنى، مەن بىلەن غەيرى مەننىڭ مۇناسىۋىتىنى پەرقلەندۈرەلىگەندىلا، ئۆز ئۆزىنى ئاڭقىرىش ھەقىقىي شەكىللەنگەن بولىدۇ. بەزى پسىخولوگلارنىڭ قارىشىچە، بالا بىر يېرىم ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدا پەقەت ئۆز ئۆزىنى ئاڭقىرىشنىڭ باشلانغۇچ ئىپادىسى يەنى ئۆز ھەرىكىتى بىلەن ھەرىكەت ئوبيېكتىنى پەرقلەندۈرۈش ئىپادىسى بولىدۇ. بالا ئۆز ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك سۆزلەرنى ئىگىلەپ ئالغاندىن كېيىنلا، ئۆز ئۆزىنى ھەقىقىي ھالدا بىر سۇبيېكت دەپ بىلىدىغان بولىدۇ.