Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئۆز ئۆزىنى باھالاش
پسىخولوگىيە
自我评价
zì wǒ píng jià
بۇ ئۆزىنى ئاڭقىرىشنىڭ تەركىبى قىسمى بولۇپ، ئۆز - ئۆزىنىڭ ھەرىكەت، خاراكتېر جەھەتلىرىگە باھا بېرىشتىن ئىبارەت. ئۆز - ئۆزىنى باھالاشنى بالا ئۆزىنى بىر سۇبيېكت دەپ بىلگەندىن كېيىن تەدرىجىي ئۆگىنىۋالىدۇ. بالىلار ئۆز - ئۆزىنى باھالاشنى چوڭلارنىڭ ئۆز - ئۆزىنى باھالاشلىرىدىن ئۆگىنىدۇ. دەسلەپ باشقىلارنى باھالايدۇ، ئاندىن ئۆز - ئۆزىنى باھالاشقا ئۆتىدۇ. تاشقى ھەرىكەتلىرىنى باھالاشتىن چوڭقۇرلاپ، ئۆز كۆڭلىدىكى پەزىلەتلەرگە باھا بېرىدىغان بولىدۇ. ئۆز - ئۆزىگە باھا بېرىش ئاساسىدا، ئەڭ دەسلەپكى ئەخلاقىي ھەرىكەت بىلەن ئەخلاقىي ھۆكۈم بارلىققا كېلىدۇ.