UyghurMain Dictionary
ئۆزگىرىش
بىئولوگىيە
ئوخشاش تۈردىكى جانلىقلارنىڭ دەۋرى ئارىسىدا ياكى ئوخشاش دەۋردىكى ئوخشىمايدىغان ئىندىۋىدلار ئارىسىدىكى ئالامەت پەرقى بولۇپ، ئىرسىيەت قالىدىغان ۋە قالمايدىغان ئۆزگىرىشىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئالدىنقىسى گېنلارنىڭ قايتىدىن بىرلىشىشى، خروموسومىلارنىڭ ئابېرراتسىيىسى، گېنلارنىڭ مۇتاتسىيىسى قاتارلىق ئىرسىي ماددىنىڭ ئۆزگىرىشى ئارقىلىق بولىدىغان جانلىقلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتىدىكى تەبىئىي تاللاش ماتېرىيالى بولىدۇ. سۈنئىي ھالدا پەيدا قىلىپ، تۈرلەرنى يېتىشتۈرۈش ماتېرىيالى قىلىشقىمۇ بولىدۇ. كېيىنكىسى مۇھىت - شارائىتىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ مۇھىت - شارائىتىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، ئەۋلادىغا ئىرسىيەت قالمايدۇ.
بىئولوگىيە
نۇكلېئىك كىسلاتانىڭ ئۆزگىرىشى قوش بۇرمىلىق تۈزۈلۈشنى ساقلاپ تۇرىدىغان ھىدروگېنلىق باغلارنىڭ ئۈزۈلۈشى، شۇنىڭ بىلەن قوش بۇرمىسى بۇزۇلۇپ رەتىسز چىگىچ يىپتەك بولۇپ قېلىشىغا قارىتىلغان. ئۆزگەتكۈچى ئامىللار: قىزىتىش، PH نىڭ جىددىي ئۆزگىرىشى، ئورگانىك ئېرىتكۈچىلەر، ئۇرېيە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۆزگىرىش جەريانىغا ئەگىشىپ DNA نىڭ بىر قاتار فىزىكا، خىمىيىلىك خۇسۇسىيەتلىرى ئۆزگىرىدۇ. مەسىلەن، يېپىشقاقلىقى تۆۋەنلەيدۇ، چۆكۈش كوئېففىتسېنتى ئاشىدۇ، لەيلەش زىچلىقى يۇقىرىلاپ، سېلىشتۇرما نۇر بۇرىشى تۆۋەنلەيدۇ، ئۇلترا بىنەپشە نۇرلارنى سۈمۈرۈش (26nm) قىممىتى يۇقىرىلاپ، گىپوخرومىك ئېففېكت ھاسىل بولىدۇ - دە، بىئولوگىيىلىك ئاكتىپلىقىنى يوقىتىدۇ. DNA ئۆزگەرگەندىن كېيىنكى گىپوخرومىك ئېففېكتىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزگىرىش جەريانىنىڭ ئىزىنى قوغلاپ تەكشۈرگىلى بولىدۇ، ئەگەر تېمپېراتۇرا ئۆزگەرتكۈچى ئامىل بولىدىغان بولسا، تېمپېراتۇرىنىڭ ئۇلترا بىنەپشە نۇرلارنى سۈمۈرۈش قىممىتى (P)ε كە قىممىتى گە نىسبەتەن گرافىكى سىزىلسا، يانتۇلۇقى تىكرەك بولغان بىر تال S تىپلىق ئەگرى سىزىققا ئېرىشىمىز. (P) ε قىممىتى ئەڭ يوقىرى قىممەتنىڭ يېرىمىغا يەتكەن ۋاقىتتىكى تېمپېراتۇرا ئېرىش نۇقتىسى ياكى ئېرىش تېمپېراتۇرىسىنى (Tm) بولىدۇ. Tm قىممىتىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەن بولۇشى مولېكۇلىدىكى G:C مىقدارىغا ۋە ۋاستىدىكى Na ئىئونىنىڭ كۈچلۈكلىكىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى ئامىلغا باغلىق بولىدۇ، چۈنكى A:T گە قارىغاندا G:C دە بىر ھىدروگېنلىق باغ ئارتۇق بولىدۇ، ۋاستىنىڭ ئىئون كۈچلۈكلۈكى بەلگىلىك دائىرىدە (مەسىلەن، lxssc) كونترول قىلىندىۇ. بۇ ۋاقىتتا Tm قىممىتى بىلنە G:C مىقدارى ئارىلىقىدا سىزىقلىق مۇناسىۋەت بولىدۇ، ئۇنى تەجرىبىدىن چىققان تۆۋەندىكىدەك فورمۇلىدىن پايدىلىنىپ تاپقىلى بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
تەرەققىيات تارىخىدا يۈز بېرىدىغان كەسكىن بۇرۇلۇش، بىر ھالەتتىن باشقا بىر ھالەتكە ئۆتۈش؛ ئۆزگىچە، باشقىچە بولۇش.
ئىجتىمائىي تۈزۈمنىڭ ئۆزگىرىشى.
<بىئول> ئوخشاشد تۈردىكى جانلىقلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ياكى ئوخشاش ئەۋلادلىق جانلىقلارنىڭ ئوخشىمىغان يەككە تەنلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مورفولوگىيىلىك، فىزىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىك قاتارلىق تەرەپلەردە ئىپادىلىنىدىغان پەرق.