UyghurMain Dictionary
ئۆزىدىن چېتىشقان نەسىلداش
Domain: بىئولوگىيەئاتىلىق، ئانىلىقلىرى بىر تۈپتە بولغان زىرائەتلەرنىڭ كۆپلىگەن ئەۋلادلىرى ئۆزىدىن چېتىشىپ (ئۆزلۈكىدىن چاڭلىنىپ ياكى سۈنئىي ھالدا چەتتىن چاڭلىنىپ) ھاسىل بولغان ئەۋلاد نەسىلدىشىدۇر. يۇقىرى دەرىجىدە ئۆزىدىن چېتىشىشتىن ھاسىل بولغان ئىندىۋىد ساپ بىرلەشمە تەنچە دېگۈدەك بولۇپ، ئىندىۋىدلار ئارا ئالامەتلىرى بىردەكلىككە يۈزلەنگەن، ھاياتلىق كۈچى تۆۋەنلىگەن بولىدۇ. لېكىن سۈنئىي شالغۇتلاشتۇرۇشتا ئاتا - ئانىلىق تۈپ قىلىشقا بولىدۇ. كۆممىقوناق قاتارلىق زىرائەتلەرنىڭ تۈرلىرىنى يېتىشتۈرۈشتە ئالدى بىلەن ئۆزىدىن چېتىشقان نەسلىداشتىن بىر قانچىنى يېتىشتۈرۈپ، ئۆزىدىن چېتىشقان ئەلا نەسىلداشلارنى ئۆز ئارا يەككە ياكى قوش چېتىشتۇرۇش ئارقىلىق ھاياتلىق كۈچى كۈچلۈك، مەھسۇلاتى يۇقىرى بولغان شالغۇتقا ئېرىشكىلى بولىدۇ.
About this entry
This is a Uyghur–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.