UyghurMain Dictionary
ئۆتۈك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دەريا ۋە تاغ - داۋاننىڭ ئۆتكىلى بولىدىغان، ئۆتۈش ئۈچۈن ئېچىلغان يېرى.
ئەل كىرگەن كېچىككە سەنمۇ كىر. سۇ كېچىكىدىن ئۆتكۈچە، قان كېچىكىدىن ئۆت. ئۆتكەلدىن ئۆتسەڭ بۇرۇن ئۆت. ئىرادىلىك كىشىگە ئۆتكىلى بولمايدىغان ئۆتكەل يوق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بولۇپ ئۆتكەن ئىش - ھەرىكەت، ۋەقە - ھادىسە توغرىسىدا ئېغىزدىن ئېغىزغا ئېيتىلىپ كېلىۋاتقان قىسسە.
بۇلبۇلنىڭ چىرايلىق ھېكايىلىرىغا قورساق تويماس. يالغان ھېكايە ئېيتقان ھارمايدۇ. ئاڭلىغان ھارىدۇ. ئېرتەك ئېيتىشىپ ئوينىغان بالىلارغا تەگمە، ئېرتەكتىن ئۆگەنسۇن.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۆن - خۇرۇمدىن تىكىلگەن. قونچلۇق ئاياغ كىيىمى
ئەخمەت پۇتىنى ئۆتۈكى سىرتىدىن قاشلايدۇ. ھەممىگە مەسە ياخشى، موللىغا بەرسە ياخشى.
شىۋىلەر
كېچىك (دەريانىڭ كېچىكى - ئۆتىدىغان يېرى).
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ھىكايە، چۆچەك؛ ئۆتۈنۈش.
بىرەر مەقسەتنى خانغا ئېيتىپ ئۇقتۇرۇشقىمۇ سۆز ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئەسلى «بىرەر نەرسىنى ھىكايە قىلىش» دېگەن مەنىدىكى سۆز.
1 -93
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئۆتۈگ ~ ئۆتۈك.
ئىچ ئۆتۈش ۋە قۇسۇش كېسىلى. ئاڭار ئۆتۈك ئۆتتى _ ئاڭا ئۆتۈگ كېسىلى تەگدى.
1 -93
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
دەزمال.
ھاندۇۋا شەكلىدە بولىدىغان بىر پارچە تۆمۈر. كىيىمىنىڭ چاكلىرىنى تۈزلەش ئۈچۈن ئۇنى قىزىتىپ باسىدۇ.
1 - 93
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ئۆتۈك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
قونچى پۇتنىڭ بۇلجۇڭ گۆشى ياكى تىزىغىچە بارىدىغان، پاشنىلىق ئاياغ كىيىم.
ئۆتۈك كىيمەك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
دىئال. كېچىك، دەريانىڭ كېچىكى، دەريانىڭ ئۆتىدىغان يېرى.