UyghurMain Dictionary
ئۆتمەك
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
نان، توقاچ(<ئەتمەك> مۇ دېيىلىدۇ).
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئالدىغا ئۆتۈپ كەتمەك؛ داغ - داۋان، دەريا - سۇدىن ئۇ قاتقا ھالقىماق.
ئادەم ئادەمدىن ئاشسىمۇ ئەلدىن ئاشماس. قىمىرلىغان قىر ئاشار. ئۆمۈر بويى تىرىشقان ئادەم پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئۆتەر. مۇزدىن ئۆتسەڭ بالدۇر ئۆت، ئۆتكەننى كۆرۈسەن، سۇدىن ئۆتسەڭ كېيىن ئۆت، ئاققاننى كۆرۈسەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
بىرەر نەرسىنىڭ ئىچىدىن، ئارىسىدىن، ئۈستىدىن ياكى يېنىدىن يۈرۈپ، ئۇچۇپ يەنە بىر تەرىپىگە يەتمەك.
سۇدىن ئۆتمەك. ئېرىقتىن ئۆتمەك. دەريادىن ئۆتمەك. ئېگىزدىن ئۆتمەك.
ئېشىكىم كۆۋرۈكتىن ئۆتكۈچە قازىنىم نەزىر (ماقال).
كۆچمە. بىرەر ئارتۇق تەرىپى، ئارتۇقچىلىقى بىلەن باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇرماق.
- خوتەن بويىچە ئۇنىڭدىن ئۆتىدىغان باي يوق، - دېدى ئۇ.
بىرەر نەرسىنىڭ باشقا تەرىپىگە سىزىپ ياكى تېشىپ چىقماق.
سۇ كانايدىن ئۆتتى.
نەرسىنىڭ يەنە بىر تەرىپىگە تېشىپ چىقماق.
مىخ ئۆتمەك.
بېخىلنىڭ تېكىگە بىگىز ئۆتمەس (ماقال).
كېسىش، كىرىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولماق؛ كەسمەك.
لايغا ئۆتمىگەن پىچاق قولغا ئۆتەر (ماقال).
كۆچمە. ئىناۋەتكە ئېلىنماق، ئاقماق.
بۇ پۇل بۇ يەردە ئۆتىدۇ.
كۆچمە. تەسىر قىلماق؛ ئاقماق.
يالغۇزنىڭ سۆزى ئۆتمەس (ماقال).
كۆچمە. باشقا بىر تەرەپكە قوشۇلماق، باشقىلار تەرەپدارى بولماق؛ ئاغماق، مايىل بولماق.
دېھقانلار بىز تەرەپكە ئۆتتى.
بىرەر نەرسىگە تەسىر قىلماق، يۇقماق (كېسەللىك قاتارلىقلار ھەققىدە).
قوقاق ئۆتمەك.
ئۇنىڭدىكى كېسەل ئەمدى ماڭا ئۆتتى.
بىرەر ئىش - ھەرىكەتنى قىلىشقا كىرىشمەك.
مۇداپىئەگە ئۆتمەك. ھۇجۇمغا ئۆتمەك. ھەرىكەتكە ئۆتمەك.
تەلىم بەرمەك، ئۆگەتمەك.
دەرس ئۆتمەك.
- سەن بۈگۈن قايسى دەرسنى ئۆتتۈڭ؟ - دەپ سورىدى ماڭا يېقىنراق ئولتۇرغان بىرى يەنە بىرىدىن.
قوبۇل قىلىنماق، كىرمەك.
پارتىيىگە ئۆتمەك. ئىتتىپاققا ئۆتمەك. ھەربىيلىككە ئۆتمەك. ئىالىي مەكتەپكە ئۆتمەك.
ۋاقىت، پەيتنى بىلدۈرىدىغان سۆزلەردىن كېيىن كېلىپ، ئۇنىڭدىن ئاڭلىشىلغان ۋاقىت بىرلىكىنىڭ داۋام قىلىپ تۈگىشىنى بىلدۈرىدۇ.
ۋاقتى ئۆتمەك.
ئون كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، ئەنۋەر شەھەرگە كىرىپ چىقماقچى بولغانلىقىنى ئېيتتى.
ياشاپ، مەلۇم بىر ياشقا كىرىپ، ئۇنىڭدىن ھالقىماق، ئاشماق.
ئۇ ھازىر 50 تىن ئۆتتى.
كۆچمە. تۇرمۇش كەچۈرمەك، ياشىماق.
ئۇ بوۋاي بالىلىرى يوق، يالغۇز ئۆتىدۇ.
ئۆلمەك، ۋاپات بولماق.
ئالەمدىن ئۆتمەك.
ھۈسەيىن ئاكىنىڭ ئايالى بۇنىڭدىن خېلى يىللار ئىلگىرى دۇنيادىن ئۆتكەنىدى.
تۈگىمەك، تامام بولماق، ئاخىرلاشماق.
ياز ئۆتمەك. قىش ئۆتمەك. ئىش ئۆتۈپ كەتمەك.
چىقىۋالماق؛ جېنىنى جان ئەتمەك.
قىشتىن ئۆتمەك.
- شۇ قاتتىق كۈنلەردىن قانداق ئۆتتۈڭلار، - دەپ سورىدىم مەن ئاپامدىن.
ئۆتكۈزمەك، كەچمەك.
مۇشۇ ياشقا كىرگۈچە مېنىڭ بېشىمدىن ئۆتكەن ئىشلار ئاز ئەمەس.
كۆز ئالدىدا پەيدا بولماق، گەۋدىلەنمەك؛ كەچمەك؛ كەزمەك.
خىيالىدىن ئۆتمەك.
دادام ئېيتىپ بەرگەن بىر ۋەقە كۆز ئالدىمدىن مارجاندەك تىزىلىپ ئۆتۈشكە باشلىدى.
رازى بولماق، ئۇنىماق؛ تەستىقلانماق، ماقۇللىماق.
ئىدىيىسىدىن ئۆتمەك. كۆڭلىدىن ئۆتمەك. ماقۇللاشتىن ئۆتمەك.
بىرەر خاتاغا يول قويماق؛ خاتا قىلماق؛ سادىر بولماق، يۈز بەرمەك، ئۆتۈلمەك.
ئۆزۈمدىن ئۆتكەن، قولدىن كەتكەن (ماقال).
كۆچمە. كەچۈرمەك، ئەپۇ قىلماق.
بىر قوشۇق قېنىدىن ئۆتمەك.
قاننى قان بىلەن يۇغىلى بولامدۇ؟ مەن ئۇنىڭ گۇناھىدىن ئۆتتۈم.
بىرەر دەرىجىگە، تەلەپكە، ئۆلچەمگە توشماق؛ دەرىجىگە توشۇپ سېتىلماق.
بۇ ماللار بازارغا ئۆتمەيدۇ.
بىركىمگە، بىرەر تەرەپكە تەۋە بولماق؛ بىر كىمگە تەئەللۇق بولماق، مۈلكىگە ئايلانماق.
بۇ يەر ئەمدى بىزگە ئۆتتى.
تېزىلماق؛ ئېلىنماق؛ ھېسابلانماق.
ئۇلار تېخى يېقىندىلا شەھەر نوپۇسىغا ئۆتتى.
ھېس قىلىنماق، سېزىلمەك، كۆرۈلمەك.
قەدرى ئۆتمەك.
شاھىت بولماق، ئىسپات بولۇپ بەرمەك.
ئانام يالغان گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈشنى رەت قىلغان ۋە شۇ ئازابلار تۈپەيلىدىن ئۆلۈپ كەتكەن.
كۈتۈلگەن بىرەر تەلەپ ياكى چەكتىن ئاشماق، ھالقىلىق پەيتتە سىنالماق.
ئۆتكەلدىن ئۆتمەك. تەكشۈرۈشتىن ئۆتمەك. ئىمتىھاندىن ئۆتمەك. سىناقتىن ئۆتمەك.
چېتىلما رەۋىش قوشۇمچىسى بىلەن تۈرلەنگەن پېئىللارغا ياندىشىپ كېلىپ، شۇ پېئىل ئىپادىلىگەن ئىش - ھەرىكەتنىڭ تاماملانغانلىق تۈسىنى بىلدۈرىدۇ.
بولۇپ ئۆتمەك. چۈشەندۈرۈپ ئۆتمەك. ئوقۇپ ئۆتمەك. ئېيتىپ ئۆتمەك.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ئىتتىكلىك قىلماق
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
نان، چاچقۇ
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
كەسكىن، كەسكىن بولماق
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
تىلىمەك