UyghurMain Dictionary
ئۆتكۈن
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دىنىي ئەقىدىلەر، چۆچەكلەردە دېيىلىدىغان ئادەمنى ئازدۇرىدىغان، ئادەمگە زىيانداشلىق قىلىدىغان مەخلۇق.
جىن قورققاننى قورقۇتىدۇ. جىننىڭ قەستى شاپتۇلدا. شەيتاننىڭ پەيلى. شەيتاننىڭ كەينىگە كىرمە. شەيتانغا بارمىقىڭنى بەرسەڭ، قولۇڭنى تارتار. ئۇ خۇداغىمۇ ئىشىنىدۇ، ئالۋاستىغىمۇ ئەگىشىدۇ. ئەل نەزەرىدە ئايال ئەمەس پەرىشتە، ئۆيدە ھازازۇل جېدەل تېرىشتا. ئۆتكۈن ئۆتتى دېگەن گەپنى خېلى ئاڭلدىن. بالىنى قورقۇنچاق ئۆستۈرۈشنىڭ ئۇسۇلى.
شىۋىلەر
جىن - ئالۋاستى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى. ئۆتۈش ئۈچۈن ھازىرلانغان جاي، ئارىلىق.
بۇ ئۆي ھەقىقەتەنمۇ ئارىدىكى ئۆتكۈن ئىدى.
ئى. جىن - ئەرۋاھ، ئالۋاستى.
سۈپ. شوخ؛ يامان، ئەسكى.
ئەي ئوغۇل، بەك ياۋاش بولما ۋە بەك ئۆتكۈن بولما، ئارتۇقچە ياۋاش بولساڭ، خەلق سېنى باسىدۇ، زىيادە ئۆتكۈن بولساڭ، خەلق سەندىن قاچىدۇ.