UyghurMain Dictionary
ئۆسۈش
بىئولوگىيە
جانىقلار تېنىنىڭ ئېغىرلىق ۋە ھەجمىنىڭ يۈكسىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. جانلىقلارنىڭ تۆرەلمە مەزگىلىدىكى ئۆسۈشى نىسبەتەن ئاستا بولىدۇ. جانلىقلار تېنى پەقەت تۆرەلمە يېتىلىپ ئادەتتىكى بەدەن قۇرۇلۇشى مودېلىنى ھازىرلىغاندىن كېيىنلا ئاندىن تېز ئۆسۈپ، ئادەتتىكى يېتىلگەن تەننىڭ چوڭ - كىچىكلىكىگە تەڭشىلىدۇ. جانلىقلار تېنى ياكى ئۇنىڭ بىر قىسىمىنىڭ ئۆسۈشى ئچىكى قىسمىدىكى ماددىلارنىڭ مېتابولىزم ئارقىلىق سىنتېزلىنىپ سىتوپلازمىنىڭ ئېغىرلىقىنى ئاشۇرغانلىقتىن بولىدۇ. شۇڭا، ئۆسۈش جەريانىدا، ئاسسىمىىياتسىيە دىسسىمىلىياتسىيىدىن چوڭ بولىدۇ، پەقەت مۇشۇنداق بولغاندىلا ئاندىن ئۆسۈشنى بەلگىلىك ماددىي شارائىت بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ. جانلىقلارنىڭ ئۆسۈشى ئاساسەن ھۈجەيرە سانىنىڭ ئارتىشىدىن ئىبارەت. بىراق بەزى جانلىقلارنىڭ ئۆسۈشى ئاساسەن ھۈجەيرە ھەجىمىنىڭ ئارتىشىغا تايىنىپ ئېلىپ بېرىلىدۇ. مەسىلەن، تاق پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر غولىنىڭ توملىشىشى مۇشۇ خىلدىكى ئۆسۈشكە كىرىدۇ. بەزى جانلىقلار ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۆسىدۇ. مەسىلەن، كۆپ ساندىكى بېلىقلار ۋە ئۆمىلىگۈچىلەر تاكى ئۆلگەنگە قەدەر ئۆسىدۇ. دەل - دەرەخلەرمۇ ئۆمرىنىڭ ئاخرىغىچە ئۆسىدۇ. بىراق، بەزى جانلىقلار بۇنىڭ ئەكسىچە، مەسىلەن، ئادەم، ھايۋان ۋە بەزى بىر يىللىق ئۆسۈملۈكلەر ئۆسۈپ بەلگىلىك چوڭلۇققا يەتكەندىن كېيىن ئۆسۈشتىن توختايدۇ. ھەتتا كىچىكلەيدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بىئولوگىيە
جانلىقلارنىڭ مۇئەييەن تۇرمۇش شارائىتىدا ھەجمى ۋە ئېغىرلىقىنىڭ تەدرىجىي ئارتىشى. ئادەتتە ئۇ ئۆسۈش ھۈجەيرىلىرىنىڭ بۆلۈنۈپ سانىنى ئارتتۇرۇشى ۋە چوڭىيىپ ھەجمىنى كېڭەيتىشى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ.