UyghurMain Dictionary
ئۆشرە
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىسلام قائىدىسى بويىچە، ھەر يىلى ئالغان ئاشلىقنىڭ ئوندىن بىرىنى بېرىدىغان باج، سېلىق.
40 - 30 - يىللىرى ئۇيغۇر دېھقانلىرى ھۆكۈمەتكە پاراق تۆلىگەندىن باشقا، ئۆشرە - دەھيەك نامىدا ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىغا سېلىق تۆلەيتتى. ئابدالغا كەپسەن بەرسەڭ، جىڭىڭ راستمۇ دەر.
دۇنيا تارىخى
غەربىي ياۋروپادىكى خرىستىئان جەمئىيەتلىرىنىڭ ئاھالىلىرىدىن يىغىۋالىدىغان بىر خىل ساخاۋەت بېجى. باج مىقدارى ئادەتتە باج تاپشۇرغۇچىنىڭ دارامىتى ياكى باشقا كىرىمىنىڭ ئوندىن بىر قىسمىغا توغرا كەلگەچكە شۇنداق دەپ ئاتالغان. بۇنىڭدا <ئىنجىل> دىكى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئوندىن بىرى ئاللاغا مەنسۇپتۇر دېگەن خاتىرە ئاساس قىلىنغان. قەدىمكى ساملار بولۇپمۇ يەھۇدىيلاردا بۇ خىل باج تۈرى بۇرۇنلا بولغان. Ⅷ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا چارلېس ئىمپېرىيىسى ھەر بىر فرانكو پادىشاھلىقىنىڭ پۇقراسى ئوندىن بىر باجنى تاپشۇرۇشى لازىملىقىنى رەسىمىي بەلگىلىگەن. ئەنگلىيە ۋە باشقا غەربىي ياۋروپا دۆلەتلىرىمۇ شۇ بويىچە ئىش قىلغان. بۇ خىل باج چوڭ ئۆشرە (دانلىق زىرائەتلەردە)، كىچىك ئۆشرە (كۆكتات، مېۋە - چىۋە، قۇشلار)، ئۆشرە قان بېجى (چارۋا مال ۋە چارۋا مەھسۇلاتلىرى) دىن ئىبارەت بىر نەچچە خىلغا ئايرىلغان. جەمئىيەتتىكى يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ھەمىشە دېگۈدەك باجدىن كەچۈرۈم قىلىنغاچقا، ئۆشرە بېجى ئاساسلىقى دېھقانلارنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن. ئۆشرە ئاساسەن چېركاۋلارنى رېمونت قىلىش ۋە پوپلارنىڭ تۇرمۇشىنى قامداشقا ئىشلىتىش بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە كۆپىنچىسى يۇقىرى دەرىجىلىك مىسسىئونېرلارنىڭ چۆنتىكىگە چۈشۈپ كەتكەن. چېختىكى خۇس ھەرىكىتى ۋە گېرمانىيە دېقانلار ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئۆشرە بېجىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش دېھقانلارنىڭ ئاساسلىق تەلەپلىرىدىن بىرى بولغان. غەربىي ياۋروپادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەر ⅧⅩ ۋە 21- ئەسىرگە كەلگەندىلا ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ ئەمەلدىن قالدۇرۇغان. ئەنگلىيە تاكى 1935 - يىلىغىچە بۇخىل باجنى ساقلاپ قالغان.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئىسلام دىنى جامائەت پاراۋانلىقىغا ئىشلىتىدىغان بىر خىل باج. دەسلەپكى چاغلاردا بۇ سۆز زاكات، سەدىقە بىلەن مەنىداش بولۇپ، زاكاتنىڭ بىر قىسمى دەپ قارىلاتتى، بۇ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن ئېلىنىدىغان باجنى كۆرسىتىدۇ. ئاشلىق مېۋە - چېۋە يىغىۋېلىنغاندىن كېيىن، ھوسۇلنىڭ ئوندىن بىر قىسمى ئۆشرە بېرىلىدۇ. ئادەم كۈچى بىلەن سۇغۇرۇلىدىغان يەرگە يېرىمى كېمەيتىلىدۇ؛ ئۇنى يىغىۋېلىشنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكى بولمايدۇ. ئەرەب يېرىم ئارىلىدا ھەممە مۇسۇلمان يېرىگە ئۆشرە تاپشۇرىدۇ. سىرتنى بويسۇندۇرغاندا <دارىل سۈلھى> يەرلىرىگە، ئىگىسى يوق يەرلەرگە ئۆشرە تاپشۇرىدۇ. بوز يەرنى تېرىغۇچىلارمۇ تاپشۇرىدۇ. بۇ ئۆشرە يېرى دېيىلىپ، غەيرىي مۇسۇلمانلار يەر بېجى تاپشۇرىدىغان <خىراج> دىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ. كېيىن ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغانلار كۆپەيگەنلىكتىن، يەرنى سېتىۋېلىش ۋە تەقدىم قىلىش ئارقىسىدا <ئۆشرە يېرى> كۆپەيدى، ئېلىنىدىغان باج ئازايدى. ئۇمەييە ھاكىمىيىتى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ باجنى كۆپەيتىشنى چەكلىدى. ئەھلى فىقھەلەرنىڭ بۇنى ئىزاھلىشىدا ئىختىلاپ كۆرۈلدى. كېيىن <زاكات> قا ئوخشىمايدىغان باج قىلىندى. ئىسلام دۆلەتلىرىگە كىرگەن سودىگەرلەرنىڭ ئەكىرگەن مېلىغا سودا بېجى ئېلىندى. ئۇلارنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى شىرىكلىرى بولسا، يىگىرمىدىن بىرىنى باج تاپشۇردى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
دىن
ئىسلام دىنىدا ھەربىر ئائىلە ئۆز ئاشلىقىنىڭ ئوندىن بىرىنى دىنىي مۇئەسسەسەلەرگە ياكى كەمبەغەللەرگە بېرىش بەلگىلەنگەن، بېرىلىدىغان مۇشۇ قىسىم ئۆشرە دېيىلىدۇ.
ئۆشرىسىنى ئايرىماق. ئۆشرە بەرمەك. ئۆشرە ئالماق.