UyghurMain Dictionary
ئۆرۈمەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يىپلارنى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلارنى بىر - بىرىگە ئۆتۈشتۈرۈپ ئورىماق.
يىپنى ئېشىپ ئارقان قىلساڭ، شىر مۇ قېچىپ قۇتۇلالماس. ئۇزۇن ئارغامچا بىر باشتىن ئۆرۈلەر. چېچى ئۆرۈمە قىلىپ ئۆرۈلگەن قىز كېتىپ باراتتى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىر مىللەت تىل - يېزىقىنى ئىككىنچى بىر مىللەت تىل _ يېزىقىغا ئايلاندۇرماق.
دۇنيادىكى پەن - تېخنىكا، ئەدەبىيات - سەنئەت، سىياسى - قانۇن، مالىيە - سودا، قاتناش - ترانسپورت جەھەتتىكى جىمى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ئۆزىمىزگە ئۆزلەشتۈرۈشتە تەرجىمە بىردىنبىر ۋاستىسى.....
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يۇقىرى - تۆۋەن، ئالدى - ئارقا ئالماشماق، ئۆرە تۇرغان ھالەتنى تەتۈر قىلماق.
چاپساڭ ئېگىز دەرەخمۇ ئۆرۈلىدۇ. خەلق قوزغالسا، خاننى تەختتىن غۇلىتىدۇ. كىچىك پالتىمۇ چوڭ دەرەخنى يىقىتالايدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
چۈشنى بىرەر ئەھۋالدا جورىماق.
چۈشنى يېقىن ئادەم ئۆرۈسە، چاقچاق ئارىلىشىپ قالىدۇ. كۆرگەن چۆشۈڭنى گاسقا ئۆرۈتمە. چۈشنىڭ تەبىرى چۈشنىڭ تەتۈرى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ئۆرە، تىك ھالەتتىكى نەرسىنى يىقىتماق، غۇلاتماق.
تامنى ئۆرۈمەك. ئۆينى ئۆرۈمەك. دەرەخنى ئۆرۈمەك.
كۆچمە. بىرەر گۇرۇھ ياكى ھاكىمىيەتنى ھالاك قىلماق، تەختىدىن چۈشۈرمەك، ئاغدۇرماق.
كونا ھاكىمىيەتنى ئۆرۈمەك.
بىرەر نەرسىنىڭ ئاستى تەرىپنى ئۈستىگە، ئۈستى تەرىپىنى ئاستىغا توغرىلاپ قويماق.
يەرنى ئۆرۈمەك. - * ئالدىرىما، ماينىڭ تەڭدىن تولىسى مانا بۇ ياقتا، - دەپ چىنىنى ئۆرۈپتىكەن، چىنىنىڭ كەينىدىكى مايمۇ تۆكۈلۈپ كېتىپتۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
تال - تال نەرسىلەرنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش يولى بىلەن بىر قىلىپ توقۇماق.
قامچا ئۆرۈمەك.
چاچ ئۆرۈمەك.
پۇل ياكى باشقا بىرنەرسىنى بىرەر مەقسەتتە كىشى بېشىدىن ئايلاندۇرۇپ نىشان قىلغان ئادەمگە بەرمەك.
ئۇ داستىخاندىن بىر ناننى ئېلىپ بالىلارنىڭ ۋە ئۆزىنىڭ بېشىدىن ئۆرۈپ ماڭا بەردى.