UyghurMain Dictionary
ئۆرۈك ئۆرۈكنى كۆرۈپ ئالا بولار
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
بۇ، كىشىلىك مۇناسىۋەتتە ئادەملەر ھامان بىر - بىرىنىڭ خۇي - پەيلىنى، مىجەز- خۇلقىنى، ئىش - ھەرىكىتىنى دورايدۇ، دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ: دادىسى «ئۇ ئۆتكەندە ئەتلەس كۆڭلەڭ تىكتۈرۈپ بېرەيلى دېسەك ئۇنىمىغانىدىغۇ؟» دېۋىدى، ئانىسى «ئۇنى بىر دېمەڭلار، <ئۆرۈك ئۆرۈكىنى كۆرۈپ ئالا بولار>، دېگەندەك كۆرۈپ، ئۇنىڭمۇ كىيگۈسى كەپتۇ» دېدى.