UyghurMain Dictionary
ئۆرلىمەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مەرتىۋىنىڭ، مەنسەپنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە قارىتىلغان.
يۇرت قوغدىساڭ ئۆسەرسەن، قوغدىمىساڭ ئۆچەرسەن. تېز ئۆرلىگەن تېز غۇلار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ئېگىزلىككە كۆتۈرۈلمەك.
توپ ئۆرلىمەك. كەپتەر ئاسمانغا ئۆرلىدى.
بىرەر يۇقىرى تەرەپكە ياكى جايغا، دۆڭلۈك، تۆپىلىككە قاراپ يۈرمەك، چىقماق.
بىز تاغ باغرىغا ئۆرلەپ ماڭدۇق.
ئۇلار سۇنىڭ يۇقىرىسىغا قاراپ ئۆرلەپ كەتتى.
كۆتۈرۈلمەك، ئاشماق.
قىزىتمىسى ئۆرلىمەك. سەپراسى ئۆرلىمەك. غەزىپى ئۆرلىمەك.
قىممەتلىمەك، ئۆسمەك.
مال باھاسى ئۆرلىمەك. بېلەت باھاسى ئۆرلىمەك.
قاينىماق.
چۆگۈندىكى چاي ئۆرلىدى.
كۆپمەك، ئېچىماق.
خېمىر ئۆرلىمەك.
كۆچمە. يۈكسەلمەك، راۋاجلانماق، راۋاج تاپماق.
ئۇلار داۋاملىق تىرىشىپ يۇقىرى ئۆرلىدى.