UyghurMain Dictionary
ئۆركەش
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
لوككا.
تۆگىنىڭ ئۆركىشى. * ئۆركەش - تۆگىنىڭ زىننىتى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم .
(«ئۆركەش Ⅰ »<) دولقۇننىڭ ئۆرلىگەن ھالىتى.
قاينام ئۆركىشى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دېڭىز - ئوكيان، كۆل - دەريالاردا كۆتۈرۈلۈپ - پەسىيىپ تۇرغان سۇ يۈزى.
«چايقاق» لوپنۇر دىئالېكتىدا قوللىنىلىدۇ.
ھەقىقەت ئوت ئىچىدە كۆيمەس، دولقۇندىمۇ غەرق بولماس. دولقۇنى يوق دېڭىز بولماس. سايرام كۆلى مەۋج ئۇرغاندا، تېخىمۇ چىرايلىق بولۇپ كېتىدۇ. ئۆركەش يېرىپ ئۈزگەندىلا، سۇنىڭ مەنبەسىنى تاپقىلى بولىدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تۆگىنىڭ ئۈستىدە چوقچىيىپ چىققان قىسمى.
>لۆكەن< لوپنۇر دىئالېكتىدا قوللىنىلىدۇ.
تۆگە لوككىسىغا ماي يىغىدۇ. قوش ئۆركەشلىك تۆگە بىر ئۆركەشلىك تۆگىگە قارىغاندا مىنىشكە ئەپلىك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
دەريا، دېڭىز سۇلىرىنىڭ بوران تەسىردە داۋالغۇپ ھاسىل بولغان دولقۇنىنىڭ يۇقىرىغا تىك كۆتۈرۈلگەن قىسمى؛ سۇنىڭ داۋالغۇپ ئېگىز كۆتۈرۈلۈشى؛ دولقۇن.
ئۇ تۆۋەندە ئۆركەش ياساپ ئېقىۋاتقان دەريانىڭ ھەيۋەتلىك ئېقىمىغا بىر پەس قاراپ، ئاندىن توختىغا يۈزلەندى.
تۆگىنىڭ دۈمبىسىدە بىر ياكى ئىككىلا بولىدىغان، قېلىن ۋە يوغان ياغ قاتلىمىدىن ئىبارەت چوقچىيىپ تۇرىدىغان ئۆسمە؛ لوككا.
تۆگىنىڭ ئۆركىشى.
ئەرلەرنىڭ ئىسمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئۇيغۇرچە
سۇ ئۆركىشى، ئۆركەشلىمەك
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
سۇ ئۆركىشى، ئۆركەشلەپ ئېقىش، ئۆركەشلەش.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئۇيغۇرچە)
سۇ ئۆركىشى، ئۆركەشلەش، قەبى ئۆركەشلەپ تۇرغۇچى كىشى