Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئۆرە تۇرالايدىغان ياۋا مايمۇنسىمان ئادەم
بىئولوگىيە
爪哇直立猿人
zhǎowāzhílìyuánrén
<ياۋا ئادەم> <ئۆرە تۇرالايدىغان مايمۇنسىمان ئادەم> دەپمۇ ئاتىلىدىغان مايمۇنسىمان ئادەمنىڭ دۇنيادا ئەڭ بالدۇر تېپىلغان تاشقا ئايلانغان قالدۇقى. 1891 - يىلى ئالدى بىلەن گېئولوگىيىلىك يىللىرى ئوتتۇرا تۆتىنچى دەۋرنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىگە مەنسۇپ بولغان ھىندونېزىيىنىڭ ياۋا دېگەن يېرىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىن بىر دانە باش سۆڭىكى، ئىككى تال ئېزىق چىشى، بىر تال سول يوتا سۆڭىكىنىڭ تاشقا ئايلانغان قالدۇقى تېپىلغان. 1936 - 1941 - يىللىرى ھندونېزىيىنىڭ سەنجىلىڭ ئەتراپىدا يەنە ئۆرە تۇرالايدىغان مايمۇنسىمان ئادەمنىڭ باش ۋە ئاستىنقى ئېڭەك سۆڭەكلىرىدىن كۆپى تېپىلغان.