UyghurMain Dictionary
ئۆپكىسى ئۆرۈلمەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مەيۈس بولماق، ئېچىنماق
ھەممىنىڭ بېشى چۈشتى، ئۆپكىسى ئۆرۈلدى، ئەلەم بىلەن ئېچىندى. باتۇرنىڭ كۆڭلى بۇزۇلدى، مېھرىبان ئانىسى كۆز ئالدىغا كەلدى.
شىۋىلەر
غۇلجا شىۋىسى
كۆڭلى بۇزۇلماق، يىغا تۇتماق.
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
كۆڭلى يېرىم بولماق، كۆڭلى بۇزۇلۇپ يىغلىغۇسى كەلمەك، يىغا تۇتماق، مەيۈسلىنىپ ئۆكۈنمەك: مەن ئۇلارنى كۆرگىنىمدە نېمىشقىدۈر ئۆپكەم ئۆرۈلگەندەك بولدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
كۆڭلى يېرىم بولۇپ يىغلىغۇسى كەلمەك، يىغا تۇتماق، كۆڭلى بۇزۇلماق.
خۇرشىدىخان سۆزىنىڭ ئاخىرىنى داۋاملاشتۇرالمىدى، ئۇنىڭ راستتىنلا ئۆپكىسى ئۆرۈلگەنىدى.