Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئۆپكە سىغىمچانلىقى
بىئولوگىيە
肺活量
fèihuóliàng
بىر نۆۋەت ئەڭ چوڭقۇر نەپەس ئالغاندىن كېيىن ئىمكانقەدەر چوڭقۇر نەپەس چىقارغاندا چىقارغان گازنىڭ ئومۇمىي مىقدارى ئۆپكە سىغىمچانلىقى ھېسابلىنىدۇ. ئۆپكە سىغىمچانلىقى ئېقىمىدىكى ھاۋا مىقدارى تىدال ھاۋا مىقدارى، قوشۇپ ئېلىنىدىغان ھاۋا مىقدارى، (كومپلېمېنتال ھاۋا مىقدارى) ۋە قوشۇپ چىقىرىلغان (سۇبپلېمېنتال) ھاۋا مىقدارلىرىنىڭ يىغىندىسىدىن ئىبارەت. تىنچ نەپەسلەنگەندە ھەر قېتىم سۈمۈرۈلگەن ياكى چىقىرىلغان نەپەس مىقدرى تىدال ھاۋا مىقدارى ھېسابلىنىپ نەپەسنىڭ چوڭقۇرلىقىغا قاراپ پەرقلىنىپ، ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن 500 مىللىلىتىر بولىدۇ. تىنچ نەپەس سۈمۈرگەندىن كېيىن يەنە داۋاملىق كۈچەپ سۈمۈرۈلگەن ئەڭ زور نەپەس مىقدارى كومپلېمېنتال ھاۋا مىقدارى بولىدۇ. تىنچ نەپەس (ھاۋا) چىقارغاندىن كېيىن يەنە داۋاملىق كۈچەپ چىقىرىلغان ئەڭ زور نەپەس مىقدرى سۇبپلېمېنتال ھاۋا مىقدارى ھېسابلىنىدۇ. ئادەتتە يېتىلگەن ئەرلەرنىڭ ئۆپكە سىغىمچانلىقى تەخمىنەن 3500 - 4000 مىللىلېتىر، ئاياللارنىڭ تەخمىنەن 2500 - 3500 مىللىلېتىر بولىدۇ، ئۆپكە سىغىمچانلىقى بەدەن ئېگىزلىكى، بەدەن ئېغىرلىقى ۋە كۆكرەك ئايلانمىلىرىغا بەلگىلىك مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، يەنە جىسمانىي كۈچى، نەپەسلىنىش مۇسكۇللىرىنىڭ كۈچلۈك - ئاجىزلىقى، ئۆپكە توقۇلمىسىنىڭ ئېلاستىكىلىقى ۋە نەپەس يوللىرىنىڭ راۋانلىق دەرىجىسى قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. ئۆپكە ئاغرىقى ۋە يۈرەك كېسەللىرىگە دۇچار بولغان ئادەملەرنىڭ ئۆپكە سىغىمچانلىقى كېمىيىدۇ، شۇڭا ئۆپكە سىغىمچانلىقى بىر ئادەمنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى بەلگىلىك دەرىجىدە ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدۇ.
ئۇنىۋېرسال
fèi huó liàng
肺活量
تېببىي,تەنتەربىيە
肺活量
fèi huó liàngDتەنتەربىيە
肺容量
fèi róng liàng