UyghurMain Dictionary
ئۆڭمەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
غەزەپتىن ياكى خىجالەتتىن يۈزى ئەسلى رەڭگىدىن ئۆزگىرىپ كەتمەك. ئومۇمەن خاپا بولغان، رەنجىگەنلىكنى بىلدۈرىدۇ.
يامان دوستنىڭ كۈلگىنىدىن ياخشى دوستنىڭ ئۆڭگىنى ياخشى. تاتارساڭمۇ، بوزارساڭمۇ قەرزنى تۆلەيسەن.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىر نەرسىنىڭ كۈننىڭ ۋە باشقىلارنىڭ تەسىرى بىلەن ئۆڭى - رەڭگىنى سۇسايتماق، يوقاتماق.
بوز ئاتنىڭ رەڭگى ئۆڭمەس، ئالتۇننىڭ رەڭگى ئۆچمەس. ئۆڭى ئۆچمەس ئادەم يوق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ئەسلىدىكى رەڭگىنى يوقاتماق، ئۆزگەرمەك؛ ئۆچمەك.
بۇ رەخت ئاسان ئۆڭىدۇ.
تاتارماق، ئۆزگەرمەك، بۇزۇلماق، ئاقارماق (چىراي ھەققىدە).
شەھەر باشلىقىنىڭ كېلىدىغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغان قۇددۇسنىڭ چىرايى ئۆڭدى.