UyghurMain Dictionary
ئۆي ئىگىسى
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مېھمانغا نىسبەتەن ئېيتىلىدۇ، مېھمانغا چاقىرغۇچى.
كەلگۈچە مېھمان ئۇيىلىدۇ، كەلگەندىن كېيىن ئۆي ئىگىسى. ئۆيىگە كېتىدىغان يولنى ئۆي ئىگىسى بىلىدۇ. كېلىش مېھماندىن، كېتىش ساھبىخاندىن.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
كەلگەن مېھماننى كۈتۈۋالغۇچى.
مېھمان، قوناق
بىراۋنىڭ ئۆيىگە چاي، زىياپەت، تويغا كەلگەن كىشى.
مېھمان ئاتاڭدىن ئۇلۇغ. قوناق كەلدى - قۇت كەلدى. مېھمان مەست بولسا كەيىپ، ساھىبخان مەست بولسا ئەيىب. ئۆي ئىگىسى كۆڭۈلسىز بولسا، مېھمان ئۆيگە سىغماس. چاقىرىلمىغان مېھمان ئوغرىدىنمۇ يامان. ئۆزى كەلگەن مېھمان - خۇدايى مېھمان، قىچقارغان مېھمان - بالايى مېھمان. تاماق ئۆي ئېگىسى بىلەن تاتلىق.