UyghurMain Dictionary
ئۆگە
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
كۆپ ئەقىللىق، مۇشاۋىر.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مەلۇم ۋە مەشھۇر بولغان نىشان، شۆھرەت.
دۆلەتتىن ئاتاق ئارتۇق. ئاتىقى يوق ئەردىن ئوتى يوق يەر ياخشى. گۈزەل ئەخلاق تېرىساڭ، ئاتاق - داڭ يىغىسەن. كۆپنىڭ داڭقى كۆكنى يارار. ياخشى ئاتاق، ياخشى نام يىراققا تارقىلار.
جان تېپىلار، نام تېپىلماس. گۈزەل نام گۈزەل چىرايدىن ئەلا. جان كەتسە كەتسۇن، نام كەتمىسۇن.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تەجرىبىلىك، ئەقىللىق، كاداڭ.
ئاددى خەلق ئىچىدىن چىققان قېرى - سال كىشىلەرگە بېرىلگەن. تېگىندىن بىر دەرىجە تۆۋەن ئاتاق. بۇ سۆز مۇنداق كېلىپ چىققان: زۇلقەرنەين چىنغا قاراپ ئىلگىرىلىگەندە، ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشۇش ئۈچۈن تۈرك خاقانى ياشلاردىن تەركىب تاپقان بىر بۆلۈك ئەسكەرنى ئەۋەتىدۇ. خاقاننىڭ ۋەزىرى:«سىز زۇلقەرنەينىگە ياشلارنىلا ئەۋەتتىڭىز، ئۇلارنىڭ ئىچىدە تەجرىبىلىك، ياشانغان ئۇرۇش ماھىرلىرىدىن بىرەر ئادەمنىڭ بولۇشى كېرەك ئىدى» دېگەندە، خاقان ياشانغان ۋە تەجرىبىلىك مەنىسىدىكى « ئۆگە» سۆزىنى قوللىنىپ، «ئۆگەنىمۇ؟» دېگەن. ۋەزىر «ھەئە» دەپ جاۋاب بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن خاقان ياشانغان، سىنالغان بىر ئادەمنى ئەۋەتكەن. ئۇلار بۇ كىچىسى زۇلقەرنەيننىڭ ئالدىنقى ئەسكەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى يەڭگەن. بىر تۈرك ئەسكىرى زۇلقەرنەين ئەسكەرلىرىدىن بىرىنى بىر قىلىچ بىلەنلا كىندىكىگىچە ئىككىگە بۆلۈۋەتكەن. ئۆلتۈرۈلگەن ئەسكەر تىللار سېلىنغان ھەمياننى بېلىگە ئېسىۋالغان ئىكەن، ئۇمۇ كېسىلىپ، تىللالار قانغا مىلىنىپ يەرگە تۆكۈلگەن. ئەتىسى ئەتىگەن تۈرك ئەسكەرلىرى قانغا مىلەنگەن تىللالارنى كۆرۈپ، بىر - بىرىدىن: «بۇ نېمە؟» دەپ سوراشقاندا، ئۇلار: « ئالتۇن قان» دېيىشىكەن. شۇڭا شۇ جايدىكى چوڭ بىر تاغ مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان. ئۇيغۇر ئېلىگە يېقىن بولغان بۇ تاغنىڭ ئەتراپىدا كۆچمەن تۈرك خەلقلىرى ياشايتتى. زۇلقەرنەين شۇ كېچىلىك ھۇجۇمدىن كېيىن تۈرك خاقانى بىلەن سۈلھ تۈزگەن.
1 - 122
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
دوختۇر، نازىر، ۋەكىل
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
نام، شۆھرەت
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
خاس ئىسىم
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
تارس. دانىشمەن، ئاقىل.
شۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم ئوردا ئۆگىلىرى ئوردىدىن ھەيلىشىكە، ئىشتىن چەتلىتىلىشكە ئۇچرىدى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئەقىللىق، دانا، پاراسەتلىك؛ نام - شۆھرەت
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
بەك ئەقىللىق، ياشانغان كىشى، بىر ئۇلۇسنىڭ بۈيۈكى، ئۇلۇغى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئۇيغۇرچە)
ئەقىللىق ۋە دانىشمەن كىشى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
بەك ئەقىللىق، دانىشمەن كىشى. بىر ئۇلۇسنىڭ ئۇلۇغى، مۆتىۋىرى.