Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئوبنورسكىي
Domain: دۇنيا تارىخى奥布诺尔斯基
ào bù nuò ěr sī jī
(1851 - 1919)، روسىيە ئىشچىلار ھەرىكىتىىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئەربابلىرىدىن بىرى. 1869 - يىلى پېتېربۇرگتا سېلىسار بولۇپ، ئىنقىلابىي ئىشچىلار گۇرۇپپىسىغا قاتناشقان. چەت ئەلدە بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ ۋە غەربىي ياۋروپا ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ ئىدىيىۋى تەسىرىنى قوبۇل قىلغان. 1878 - يىلى <شىمالىي روسىيە ئىشچىلار جەمئىيىتى> نى قۇرغان ھەمدە ئۇنىڭ پروگراممىسىنى يېزىپ چىققان، باسمىخانا قۇرۇپ چار پادىشاھ تۈزۈمىگە قارشى ئىنقىلابىي تەشۋىقات ئېلىپ بارغان. ئىككىنچى يىلى قولغا ئېلىنىپ، 10 يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنىپ، سىبىرىيىگە سۈرگۈن قىلىنغان. كېيىن سىياسىي پائالىيەتلەردىن چېكىنگەن.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.