UyghurMain Dictionary
ئىنترون
بىئولوگىيە
ھەقىقىي يادرولۇق جانلىقلارنىڭ گېندىكى بەلگە تۈزمەيدىغان ئارىلىق بۆلۈكىدىن ئىبارەت. ئىترون گېن DNA سىنىڭ بەلگىلىمىلىرىنىڭ رېتىنى بىر قانچە ياكى كۆپلىگەن ئېكسونلارغا بۆلۈۋېتىدۇ. ئاقسىل سىنتزلىنىشتىن ئىلگىرى ئىنترون mRNA نىڭ ئالدىنقى تەنچىسىدىن كېسىلىپ كېتىدۇ. ئىنترون نۇرغۇنلىغان گېنلار، مەسىلەن، توخۇ ئالبۇمىن گېنى، چاشقاننىڭ β - گلۇبىن گېنى ۋە ئىممۇنىتېت شارچە ئاقسىل گېنى قاتارلىقلاردا بايقالدى. <ئېكسون> غا قاراڭ.