UyghurMain Dictionary
ئېنېسكو
دۇنيا تارىخى
(1881 - 1955) رومىنىيىلىك كومپوزىتور، ئىسكىرىپكىچى، دىرىژور، ئىپانىست. كىچىك ۋاقتىدا يېزىلىق مۇزىكا ئۇستىلىرىدىن مۇزىكا چېلىشنى ئۆگەنگەن. 1888 - 1899 - يىللىرى ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ ۋېنا مۇزىكا ئىنىستىتۇتىدا ۋە پارىژ مۇزىكا ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇغان. 1899 - يىلىدىن باشلاپ، مۇزىكا چېلىش، دىرىژورلۇق قىلىش، ئوقۇتقۇچىلىق ۋە ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان، كۆپىنچە ياۋرۇپا ۋە ئامېرىكىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردە ئويۇن قويغان. ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە رۇمىنىيىدە تۇرۇپ قالغان. كېيىن ئۇزۇن مۇددەت پارىژدا ئولتۇراقلاشقان، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى مىللىي تۈسكە ئىگە بولۇپ، رۇمىنىيىنىڭ ھازىرقى زامان مۇزىكا تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن. ئەسەرلىرىدىن: سىمفونىيىلىك مۇزىكا <رۇمىنىيە راپسودىيىسى>، <يېزا كۈيلىرى>، <ئىسكرىپكا ۋە رويال بىلەن يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن كۈي >ئۆسمۈرلۈك ئەسلىمىلىرى<، ئوپېرا >ئەيدىپ<، شۇنىڭدەك سىمفونىيە ئىسكىرىپكا ۋە پىئانىنو بىلەن ئورۇنلىنىدىغان مۇزىكىنىڭ ھەرقايسىسىدىن ئۈچ يۈرۈش بار.