UyghurMain Dictionary
ئىنشا
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
باشلاش، يارىتىش، ئىجاد قىلىش، پەيدا قىلىش:
يېزىق، خەت؛ يازماق:
قىلىپ ئېردىم ئىنشا بۇ ئەبياتنى،1.
قەبۇل قىلدى تەڭرىم مۇناجاتنى.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
2. رەمۇزى ئىشقى ئىنشا ئەيلەدىم مەن خامە بىلمەيدۇر،
سەراپا ئوت تۇتاشتى خەت يۈزىگە نامە بىلمەيدۇر.
زەلىلى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مەكتەپلەردە تىل - ئەدەبىياتتىن ياد يېزىش، يېزىق مەشىقى.
شۇ كۈنلەردە مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارغا ئىنشا يازدۇرۇش تازا ياخشى بولمايۋاتىدۇ، ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىملاسى ياخشى ئەمەس، بۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ تۆۋەن يىللىقلىرىدا ئوقۇغۇچىلارغا توغرا، چىرايلىق يېزىشنى ئۆگىتىش مەقسىتىدە بېرىدىغان يازما مەشىق.
ئارىدىن ئۈچ كۈن ئۆتۈپ تۆۋەندىكى بىر نۇسخا خەت ئىنشا قىلىندى.