UyghurMain Dictionary
ئىنسان
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئادەم، ئادەن جىنىس، ئىنسان:
قىلماغىل ئۇمرۇڭنى زايېئ ئىشقىدىن غافىل بولۇپ،
بىخەبەر بولماق بۇ يولدا پىشەئى ئىنسان ئەمەس.
ئابىت.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
پىكىرلەش، سۆزلەرش، ئەسۋاب - سايمان ياساپ ئەمگەك قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ھايۋانات.
«كىشى» ئومۇمىي ۋە كەڭ قوللىنىلىدۇ. كۆپىنچە «ئەر» مەنىسىنى بېرىدۇ «ئايال، بالا» ئايرىم ھالدا «كىشى» دېيىلمەيدۇ.
«ئادەم» ئاقىل ۋە بالىغ بولغان كىشىنى كۆرسىتىدۇ.
«ئىنسان» جىد
كىشى ئەڭ ئۇلۇغ، ئۇ ئازاد، ئەركىن بولۇش كېرەك. كىشى بىلمىسۇن دېسەڭ، قىلما. ئادەم ئەلەيھىسسالام. دانىشمەن بولۇشتىن ئادەم بولۇش تەس. ئادەم تىلىدىن كېتەر، ھايۋان مۈڭگۈزىدىن. ئادەمگە ئەقىل كېرەك، پاتقاققا شېغىل. ئادەمنى نومۇس ئۆلتۈرەر، توشقاننى قومۇش. زەنجىرنىڭ ئاخىرقى ھالقىسى ئىنسان، ئۇ - ئاچقۇچ، قۇلۇپنى ئاچىدۇ ئاسان.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئاقىل ۋە بالىغ كىشى.
ھايۋان
ئەقىل - ئىداراكسىز، تىلسىز مەخلۇق.
ئادەم ئەتكەنگە تەزىم ئەت. ئادەم ئۆلمەس، رىزقى تۈگىمەس. ئىنسانغا بىلىم كېرەك، ياغاچچىغا يېلىم. ئادەمنىڭ ئالىسى ئىچىدە، ھايۋاننىڭ (ئالىسى) تېشىدا. ئادەم قۇلاقتىن سەمرىيىدۇ، ھايۋان تۇياقتىن. تۇرقى ئىنسان، خۇلقى ھايۋان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئادەم، كىشى.
ئىنسان بالىسى. دۇنيادا ناخشا ئېيتمىغان ۋە ئۇنى چىن يۈرىكىدىن سۆيۈپ ئاڭلىمىغان بىرەر ئىنسان بارمىكىن؟