Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئېنېرگىيە مېتابولىزمى
بىئولوگىيە
能量代谢
néngliàngdàixiè
ئورگانىزمدىكى ماددا مېتابولىزمى جەريانىدا بىللە ئېلىپ بېرىلىدىغان ئېنېرگىيىنىڭ قويۇپ بېرىلىش، ئۆزگەرتىلىش ۋە پايدىلىنىش جەريانى. ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ ھەر كۈنى ئوزۇقلۇقتىن قوبۇل قىلىپ ئالىدىغان قەنت، ماي ۋە ئاقسىل قاتارلىق ماددىلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئېنېرگىيە زاپاس ساقلانغان بولۇپ، بۇ ئوزۇقلۇق ماددىلار پارچىلىنىش جەريانىدا ئېنېرگىيە قويۇپ بېرىدۇ. قەنتلەر بەدەندىكى ئاساسلىق ئېنېرگىيە ماددىسى بولۇپ، ئادەم بەدىنىگە كېرەكلىك 70 پىرسەنت ئەتراپىدىكى ئېنېرگىيىنى قەنتلەر تەمىنلەيدۇ؛ مايلار بەدەندىكى ئېنېرگىيىنى زاپاس ساقلايدىغان ۋە ئېنېرگىيە تەمىنلەيدىغان مۇھىم ماددا ھېسابلىنىدۇ؛ ئاقسىللار ئورگانىزم توقۇلمىلىرىنى تۈزگۈچى ئاساسىي تەركىب، لېكىن توقۇلما ئاقسىللىرى يىڭىلانغاندا، ئاقسىللارنىڭ پارچىلىنىش مېتابولىزمىدا ئوخشاشلا ئېنېرگىيە ھاسىل بولىدۇ. بۇ ئېنېرگىيىنىڭ بىر قىسمى ئىسسىقلىق ئېنېرگىيە شەكلىدە بىۋاسىتە قويۇپ بېرىلىپ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ساقلايدۇ ياكى ئىسسىقلىق ئېنېرگىيە سۈپىتىدە بەدەن سىرتىغا تارقىتىۋېتىلىدۇ. بىر قىسمى بولسا، ATP نىڭ يۇقىرى ئېنېرگىيىلىك فوسفات بېغىدا ساقلىنىپ ئورگانىزمنىڭ پايدىلىنىشىغا تەمىنلەپ بېرىلىدۇ، بۇ ئېنېرگىيىمۇ ئورگانىزمنىڭ پايدىلىنىش جەريانىدا ئاخىر يەنىلا ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسى شەكلىدە بەدەن سىرتىغا تارقىلىپ كېتىدۇ. مەسىلەن، يۈرەك پائالىيىتىدە ئىشلەنگەن ئىش قان ئېقىمىنىڭ قارشىلىقىنى يېڭىشكە ئىشلىتىلىدۇ. بۇ جەرياندا يۈرەكنىڭ مېخانىك ئىشى ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسىگە ئايلىنىدۇ؛ ئىسكىلىت مۇسكۇللىرى ھەرىكەت قىلغاندا سەرپ قىلغان ئېنېرگىيىنىڭ ئاز مىقداردىكى مېخانىك ئىشقا ئايلانغاندىن باشقا كۆپ قىسمى ئىسسىق ئېنېرگىيىگە ئايلىنىپ بەدەن سىرتىغا تارقىتىۋېتىلىدۇ ھەمدە مېخانىك ئىشنىمۇ ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىگە سۇندۇرۇپ ھېسابلاشقا بولىدۇ. شۇڭا ئورگانىزمنىڭ بىرلىك ۋاقىت ئىچىدە تارقاتقان ئومۇمىي ئىسسىقلىق ئېنېرگىيە مىقدارى ئورگانىزمنىڭ شۇ ۋاقىت ئىچىدە سەرپ قىلغان ئومۇمىي ئېنېرگىيە مىقدارىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدۇ. ھەر خىل ئوزۇقلۇقلارنىڭ ئوكسىدلىنىپ پارچىلانغاندا ھاسىل قىلىدىغان ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسى ئوزۇقلۇق پارچىلانغاندا سەرپ قىلغان ئوكسىگېن مىقدارى ۋە ھاسىل قىلغان كاربون (Ⅳ) - ئوكسىدى ۋە مىقدارىغا بەلگىلىك دەرىجىدە مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ ئويغاق ھەم ئىنتايىن تىنچ ھالەتتىكى بىرلىك ۋاقىت ئىچىدە سەرپ قىلغان ئوكسىگېن مىقدارى بىلەن ھاسىل قىلغان كاربون (Ⅳ) - ئوكسىدى مىقدارىنى ئۆلچەپ ئىسسىقلىق ھاسىل قىلىش مىقدرىنى ۋاسىتىلىك ھېسابلاپ چىقىش ئارقىلىق (<ئاساسىي مېتابولىزم> غا قارالسۇن) ئورگانىزمنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ئېنېرگىيە مېتابولىزمى ئەھۋالىنى بىلىشقە بولىدۇ. ئەگەر ئورگانىزم ھەرىكەت ياكى ئەمگەك قىلىۋاتقان بولسا تارقاتقان ئومۇمىي ئىسسىقلىق مىقدرىنى ئۆلچەش بىلەن بىرگە مېخانىك ئىشىنى سۇندۇرۇپ ھېسابلاش ئارقىلىق چىقىرىلغان ئىسسىقلىق مىقدارىنى قوشقاندا ھەرىكەت ياكى ئەمگەك قىلىۋاتقان چاغدىكى ئورگانىزمنىڭ سەرپ قىلغان ئومۇمىي ئېنېرگىيە مىقدارىنى تېپىشقا بولىدۇ.