Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئېنوموتو تاكىئاكى
دۇنيا تارىخى
榎本武扬
jiǎ běn wǔ yáng
(1836 - 1908) ياپونىيە ئېدونىڭ ئاخىرقى مەزگىلى، مېيجىنىڭ باشلىرىدىكى سىياسىي ئەرباب، شوگناتتىكى بيۇرۇكرات ئائىلسىدىن كېلىپ چىققان. 1855 - يىلى دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ناگاساكىدىكى ئۆگىنىش ئورنىدا ئوقۇغان. 1858 - يىلى دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئېدودىكى تەلىم - تەربىيە مەكتىپىنىڭ پروفېسسورى بولغان. 1862 - يىلى گوللاندىيىگە بېرىپ، ھەربىي ئىشلار، خىمىيە ۋە خەلقئارا قانۇننى ئۆگەنگەن. 1867 - يىلى ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئىجراچىسى بولغان، ئىككىنچى يىلى دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن لېدىرلىقىغا كۆتۈرۈلگەن. ۋوچېن يىللىرىدىكى ئۇرۇش مەزگىلىدە، شوگنات كېمە ئەترىتىنى باشلاپ، خوككايدونىڭ خاكوداتى دېگەن يېرىدىكى ۋۇلىڭگودا يېڭى ھۆكۈمەتكە قارشى تۇرغان. مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ئۈچ يىل قامالغان. 1872 - يىلى كەچۈرۈم قىلىنىپ تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن خوككايدونىڭ باقاۋۇلى بولغان. 1874 - يىلى روسىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچى بولغان. ئىككىنچى يىلى پېتېربۇرگتا روسىيە بىلەن <كامچاتكا ئارىلى بىلەن كۇرىل ئارىلىنى ئالماشتۇرۇش شەرتنامىسى> نى ئىمزالىغان. 1882 - يىلى 8 - ئايدا جۇڭگoدا تۇرۇشلۇق ئەلچى بولغان. 1885 - يىلى ئىتوخىروفومىغا ھەمكارلىشىپ جۇڭگو چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى بىلەن <تيەنجىن شەرتنامىسى> نى ئىمزالىغان ۋە چاۋشيەن مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلغان. 1885 - يىلى ئېنو ئىچكى كابېنېتىنىڭ پوچتا ئىشلىرى ۋەزىرى بولغان. 1888 - يىلى فورودا ئىچكى كابېنتىنىڭ پوچتا ئىشلىرى ۋەزىرى بولغان ھەمدە قوشۇمچە دېھقانچىلىق - سودا، مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋەزىرى بولغان. 1889 - يىلى ياماگاتا ئىچكى كابېنتىنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋەزىرى بولغان. 1891 - يىلى ماتسۇكاتا ئىچكى كابېنتىنىڭ تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولغان. 1894 - يىلىدىن باشلاپ، ئىتونىڭ 2 - نۆۋەتلىك ئىچكى كابېنتى ۋە ماتسۇكاتانىڭ 2 - نۆۋەتلىك ئىچكى كابېنتىنىڭ دېھقانچىلىق - سودا ئىشلىرى ۋەزىرى بولغان. <سىبىرىيە خاتىرىسى> دېگەن ئەسىرى بار.