UyghurMain Dictionary
ئىنكا ئىمپېرىيىسى
دۇنيا تارىخى
جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى قەدىمكى دۆلەت. ئۇنىڭ پادىشاھى <ئىنكا>، پۇقرالىرى <ئىنكالار> دەپ ئاتالغان. Ⅺ ئەسىردىن كېيىن، ئايمارا ۋە كېچۇئا قەبىلىلىرى پېرۇنىڭ كوسكو جىلغىسىدىكى قوشنا رايونلارنى ئارقا - ئارقىدىن قوشۇۋېلىپ، ⅩⅤ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە كۈچلۈك قۇلدارلىق دۆلىتىنى قۇرغان. ⅩⅥ ئەسىرگە كەلگەندە راسا قۇدرەت تېپىپ، زېمىنى شىمالدا كولومبىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمى، جەنۇبتە چىلىنىڭ مائۇلې دەرياسى، شەرقتە ئاموزون دەرياسىنىڭ ئورمان بەلبېغى، غەربتە ئاتلانتىك ئوكيانغىچە بولغان جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. يەنى بۈگۈنك بولىۋىيە، ئېكۋادور، پېرۇلارنىڭ ھەممىسىنى، ئارگېنتىنا، كولومبىيە، چىلىلارنىڭ بىر قىسىم زېمىنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئاھالىسى ئالتە مىليونغا يەتكەن. پايتەخت كوسكو ئەۋلادتىن ئەۋلادقا مىراس بولۇپ قالىدىغان ھاكىممۇتلەق پادىشاھ ئىنكانىڭ تۇرالغۇسى بولغان. ئىنكا جەمئىيىتىدە قاتتىق مەمۇرىي باشقۇرۇش تۈزۈمى بار بولۇپ، ئاقسۆڭەكلەر، ئاددىي پۇقرالار، قۇل - دېدەكلەر دەپ ئۈچ سىنىپقا ئاجرىتىلغان. جەمئىيەتنىڭ ئاساسىي بىرلىكى بىر جامائەسى بولغان. يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلانغان بولۇپ، دېھقانچىلىقتا سۇغىرىش ئىنشائاتلىرى سىستېمىسىدىن ۋە ئوغۇتتىن پايدىلىنىلغا، كۆممىقوناق، ياڭيۇ قاتارلىقلار، كېۋەز قاتارلىقلار تېرىلغان. لاما (جەنۇبىي ئامېرىكا تۆگىسى) ۋە ۋىگون (ۋىكۇنىيە) قاتارلىق ھايۋانلارنى باققان. ئىنكالار ئالتۇن، كۈمۈش ۋە مىس ۋە ساپال جابدۇقلار ياساشقا ماھىر ۋە ياخشى يول - قاتناش تورىغا ئىگە ئىدى. قۇياش، ئاي قاتارلىق تەبىئەت ھادىسىلىرىگە تىۋىنغان. شوينىدىن تۈگۈن تۈگۈپ ئىش خاتىرىلەش ئۇسۇلىنى قوللانغان. بۇ ئىمپېرىيە 1533 - يىلى ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرى تەرىپىدىن يوقىتىلغان.