UyghurMain Dictionary
ئىنجا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئەت - يېغى ئاز، مۇسكۇلى تولمىغان.
<ئىنجەج> ئىلى شېۋىسىدە، <قوتۇر> تۇرپان شېۋىسىدە، <ئىنجا>، <قىرتۇ> قومۇل شېۋىسىدە، <ئاۋۇغاي> لوپنۇر دىئالېكتدا، <شىداق> خوتەن دىئالېكتىدا قوللىنىلىدۇ.
<ئورۇق> ھايۋانغىمۇ ئىشلىتىلىدۇ، قالغانلىرى ئادەمگە قارىتىلغان. <ئىن
ئورۇقنىڭ كۆڭلى يورۇق. ئورۇق كالىنىڭ تېزىكى يوغان. جۈدەڭ بوي چىرايلىق بولمىسىمۇ چىڭ بولىدۇ. يىڭنە يېگەن ئاۋاق. ئۇ شۇنداق ئاۋاقكى، پىچاق بىلەن قىرساڭمۇ، بىر ئوچۇم گۆش چىقمايدۇ. ئىنجىمارۇققا ئىچىم ئاغرىيدۇ. ياداڭ يايرايدۇ. ئىچى يامان ياداڭغۇ كېلىدۇ.
شىۋىلەر
قۇمۇل شىۋىسى
ئاۋاق، ئورۇق، زەئىپ (بۇ سۆز«ئىنجار» شەكلىدىمۇ قوللىنىلىدۇ).
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
دىئال سادا، ئىنكاس.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
تىككۈچىلىكتە كىيىملەرنىڭ بەل قىسمىنى ئىنچىكىرەك چىقىرىش ئۈچۈن رەختنىڭ ئازراق يېرىنى قاتلاپ ئۈستىدىن تىكىلگەن تىكىش.
كىيىمنى بەدەن قۇرۇلمىسىغا مۇۋاپىقلاشتۇرۇش ۋە زىننەت كىرگۈزۈش يۈزىسىدىن، كىيىمنىڭ ھەربىر مۇناسىپ ئورۇنلىرىغا ئېلىنىدىغان ھەر خىل كېسىلمە ۋە قاتلىما بۆلەكلەر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
دىئال. ئورۇق، ئاۋاق، ئاجىز، زەئىپ.