UyghurMain Dictionary
ئىندۇكسىيىلەپ ئۆزگەرتكۈچىلەر
بىئولوگىيە
جانلىقلاردا مۇتاتسىيە پەيدا قىلىدىغان ھەمدە مۇتاتسىيە چاستوتىسى ئۆزلۈكىدىن مۇتاتسىيىلىنىش چاستوتىسىدىن يۇقىرى بولىدىغان خىمىيىلىك دورىلار ياكى فىزىكىلىق ئامىللاردۇر. خىمىيىلىك ئىندۇكسىيىلەپ ئۆزگەرتكۈچىلەر، مەسىلەن، ئالكانلاشتۇرغۇچىلار، ئىشقار رادىكاللىرى تۈرىدىكى ماددىلار، ئانتىبىئوتىكلار قاتارلىق، فىزىكىلىق ئىندۇكسىيىلەپ ئۆزگەرتكۈچىلەر مەسىلەن، لازېر نۇرى ۋە χ، γ، α، β نۇرلىرى، تېز نېيترون، ئۇلترا بىنەپشە نۇر قاتارلىق ھەر خىل رادىئو ئاكتىپ نۇرلىرىدىن ئىبارەت.