Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئىندۇكسىيىلەنگەن ئېنزىم
Domain: بىئولوگىيە诱异酶
yòuyìméi
ھۈجەيرە تەبىئىي مەۋجۇت ئېنزىم، ئۇنىڭ مىقدارى تۇراقلىق بولۇپ، سىرتقى شارائىتنىڭ تەسىرىگە ئاسانلىقچە ئۇچرىمايدىغان، ھۈجەيرىدىكى تۈزگۈچى ئېنزىمدۇر. ئىندۇكسىيىلەنگەن ئېنزىم ئەسلىدە ھۈجەيرىدە ھاسىل بولمايدىغان ياكى ئاز مىقداردا ھاسىل بولىدىغان ئېنزىمنى كۆرسىتىدۇ. مىتابولىزم ئارقىلىق ھاسىل بولغان ياكى سىرتتىن قوشۇلغان مۇئەييەن ئىندۇكسىيىلىگۈچى ماددىنىڭ ئىدۇكسىيىلەنگەن ئېنزىمىنىڭ ئاساسىي ماددىسى ياكى ئۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان ماددىلار ۋە ياكى باشقا بولۇشى مۇمكىن. ئېنزىمنىڭ ئىندۇكسىيىلىنىپ ھاسىل بولۇشى، مېتابولىزم ماددىلىرى ۋە ئىرسىيەت گېنىدىن ئىبارەت قوش كونتروللوقتا بولىدۇ، بۇ ئېنزىم پەقەت ھۈجەيرە يادروسىدا ماس ھالدىكى گېن مەۋجۇت بولغاندىلا ئاندىن ھاسىل بولىدۇ، ئەگەر بۇ خىل گېن كەمچىل بولسا، ياكى گېن توساتتىن ئۆزگىرىپ كەتسە، ماس ھالدىكى ئېنزىم ھاسىل بولمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئەگەر مېتابولىزمىدا مەلۇم خىل ئىندۇكسىيىلىگۈچى ماددا ھاسىل بولىدىغان بولسا، ئۇنداقتا ھۈجەيرىدە بۇ خىل ئېنزىمنىڭ مىقدارى بىردەك يۇقىرى دەرىجىدە ئاشىدۇ. ئېنزىمنىڭ ھاسىل بولۇشى يەنە مېتابولىزىمىدىكى ماددىلار تەڭشەيدۇ ۋە كونترول قىلىدۇ، بولۇپمۇ مېتابولىزم جەريانلىرىنىڭ ئاخىرىدىكى ھاسىلاتلار بولسا، چەكلەش رولىنى پەيدا قىلىدۇ. ئىندۇكسىيىلەنگەن ئېنزىم مىكرو ئورگانىزملاردا دائىم كۆرۈلىدۇ، مەسىلەن، چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيىسىدە لاكتوزىنىڭ ئىندۇكسىيىلىنىشى بىلەن سىنتېزلەنگەن لاكتوزىدازىنىڭ ئۆزى قوش كونتروللۇقتىكى ئىندۇكسىيىلەنگەن ئېنزىمدۇر. ئۇنىڭدىن باشقا ھايۋاناتلاردىمۇ دائىم كۆرۈلىدۇ.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.