Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئېندونۇكلېئازا
Domain: بىئولوگىيە核酸内切酶
hésuānnèiqiēméi
پولى نۇكلېئوتىدلارنى گىدرولىزلايدىغان ھەمدە ئاخىرقى ئۇچى 3 - ياكى 5 - فوسفاتلىق بولغان ئولىگونۇكېئوتىدلارنى ھاسىل قىلىدىغان نۇكلېئازا، شۇ سەۋەبتىن ئېندونۇكلېئازا (يادرو كىسلاتا ئىچىدىن كەسكۈچى ئېنزىم) دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ تەسىر قىلىدىغان ئاساسىي ماددا تۈرى (DNA ياكى RNA نىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. ئۇلار يەنە ئىشقار رادىكاللىرىغا مەخسۇس تەسىر قىلىشى بويىچە نۇكلېئوتىدلارنى مەخسۇس گىدرولىزلايدىغان ئېندونۇكلېئازىلارغا بۆلۈنىدۇ. مەخسۇسلۇققا ئىگە بولغىنى، مەسىلەن، رىبونۇكلېئازا A)RNaseA( RNA زەنجىرىدىكى پىرىمىدىنلىق نۇكلېئوتىدلارنى مەخسۇس گىدرولىزلاپ، 3 - پىرىمىدىنلىق نۇكلېئوتىد ۋە 3 - ئاخىرقى ئۇچى ئولېگونۇكلېئوتىدلارنى ھاسىل قىلىدۇ. RNaseT, RNA دىكى گالوپۇرىنلىق نۇكلېئوتىدلارنى مەخسۇس گىدرولىزلاپ، 3 - GMP ۋە 3 - GMP بىلەن ئاخىرلىشىدىغان ئولېگونۇكلېئوتىدلارنى ھاسىل قىلىدۇ. RNaseU 2، RNA نى گىدرولىزلاپ 2، 3 - ھالقىلىق پۇرىنلىق نۇكلېئوتىدلارنى ھاسىل قىلىدۇ. RNAaseT 2, Phyl ئېنزىمى غەيرىي مەخسۇس ئېندونۇكلېئازىلاردۇر. يۇقىرىقىلارنىڭ كۆپى يادرو كىسلاتاسىنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك تۈزۈلۈشىنى ئانالىز قىلىشتىكى مۇھىم قورال ئېنزىملىرىدۇر.
Domain: باغۋەنچىلىك核酸内切酶
hé suān nèi qiē méi
GetWord Corpus
9核酸内切酶
hé suān nèi qiē méi
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.