UyghurMain Dictionary
ئىنچىكىلىمەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
توغرا كەسمىسى، ئايلانمىسى، كىچىك بولۇپ قالماق، كىچىكلىمەك.
تولا تۇتۇپ رېشاتكىمۇ ئىنچىكىلەپ كېتىپتۇ.
كۆچمە. كۆڭۈل قويماق، زېھنىنى، دىققىتىنى يىغماق.
مەن ياتىقىمغا قايتىپ كېلىپ، بۇ خەتنى ئىنچىكىلەپ ئوقۇپ چىقتىم.
كۆچمە. سۈرۈشتۈرمەك، زىغىرلىماق.
ئەجەب ئىنچىكىلەپ سوراپ كەتتىڭىز، ئۇياقنى تونامسىز قانداق؟
كۆچمە. سىنچىلىماق، بىرمۇ بىر قارىماق.
گۈلخان، ئىنچىكىلەپ قاراپ: - دەل شۇ يوقالغان ئون تاغار ئەمەسمۇ، - دېدى.