UyghurMain Dictionary
ئىمتىھان
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
سىناس، تەكشۈرۈش، تەجرىبىىدىن ئۆتكۈزۈش، ئىمتىھان:
بۇلبۇل گۇلنى مۇھەببەتىنى ئىمتىھان قىلماق ئۈچۈن تىكەننى بەھانە قىلىپ كەتكەنى، گۇل خىزمەتىنى تەرك ئەتكەنى.
خىرقەتى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارنىڭ، ئىدارە، جەمئىيەتلەردە ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ بىلىمى ۋە ئىش قابىلىيىتىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈش ئۇسۇلى، سوئال - جاۋاب يولى بىلەن بولىدۇ.
<سىناق> تارراق، مۇددەتسىز بولىدۇ.
بۇ يىل ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلاردىن ۋاقتىدا ئىمتىھان ئېلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك نازارىتى بۇ يىل ئىمتىھان ئېلىش ئارقىلىق ئىشچى قوبۇل قىلىشنى باشلىۋەتتى. ئوقۇتقۇچى بىر ئوقۇغۇچىنىڭ قابىلىيىتىنى سىناق قىلىپ: سىز خىيال بىلەن كېتىپ بارغاندا، ئالدىڭىزدىن بىر ئىت چىقىپ سىزگە ئېتىلسا، سىز قانداق قىلىسىز؟ - دەپ سوراپتۇ. ئوقۇغۇچى: دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ داۋالىغۇچە جىم ياتىمەن، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش، دەرس پروگراممىلىرىدا بەلگىلەنگەن بىلىمنى قانچىلىك ئۆزلەشتۈرگەنلىكىنى تەكشۈرۈش، سىناپ كۆرۈش، سىناش.
دۆلەت ئىمتىھانى. ئۇنىۋېرسىتېتقا كىرىش ئىمتىھانى.
ئىمتىھان ئالماق. ئىمتىھان بەرمەك. يىللىق ئىمتىھان. مەۋسۇملۇق ئىمتىھان.
قادىر ئالىي مەكتەپكە كىرىش ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمىدى.
ئومۇمەن سىناش، تەكشۈرۈش.
ئىشان قولىنى شىلتىپ، <دەرۋىشكە ھۇجرىدا يېتىش ھارام، ماڭا ئۆڭكۈر ماكان بولغاي، جاپالار ئىمتىھان بولغاي، بىلىڭلاركى خالايىقلار، تاڭنا ئاخىر زامان بولغاي> دەپ، تاغ تەرەپكە بۇرۇلۇپ بىر ئۆڭكۈرگە كىرىۋالدى.